مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

2020-يىللىق دۆلەت مەمۇرلۇق ئىمتىھانى يازمىچە ئىمتىھانىنىڭ نەتىجىسى چىقتى

24 مىڭ كىشى قوبۇل قىلىش پىلانلاندى

2020.01.08 17:08 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، مەركەز ئورگانلىرى ۋە ئۇنىڭغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئاپپاراتلارنىڭ 2020-يىللىق مەمۇر قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى ئاممىۋى پەنىنىڭ يازمىچە ئىمتىھان نەتىجىسى ئېلان قىلىندى. ئىمتىھان بەرگۈچىلەر مەركەز ئورگانلىرى ۋە ئۇنىڭغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئاپپاراتلارنىڭ 2020-يىللىق ئىمتىھان ئېلىپ مەمۇر قوبۇل قىلىش مەخسۇس تور پونكىتىدا يازمىچە ئىمتىھان نەتىجىسى ۋە ئەڭ تۆۋەن لاياقەتلىك بولۇش نومۇر سىزىقىنى تەكشۈرسە بولىدۇ.

  «مەركەز ئورگانلىرى ۋە ئۇنىڭغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئاپپاراتلارنىڭ 2020-يىللىق ئىمتىھان ئېلىپ مەمۇر قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى»غا ئاساسەن، قوبۇل قىلىنىدىغان بارلىق خىزمەت ئورنى ئىچىدە، دۆلەت ئورتاق تىلى بولمىغان سەككىز خىزمەت ئورنىنىڭ يازمىچە ئىمتىھان نەتىجىسى مەمۇرىي، كەسپىي ئىقتىدارىنى سىناش، مۇھاكىمە، چەت ئەل تىلى سەۋىيەسىنى سىناش نەتىجىسى (ئىمتىھان نومۇرى 100گە سۇندۇرۇپ ھېسابلىنىدۇ) ئايرىم-ئايرىم %25، %25، %50 بويىچە نىسبەتلەشتۈرۈلۈپ قوشۇلىدۇ. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ خەلق ساقچىسى خىزمەت ئورنىنىڭ مەمۇرىي، كەسپىي ئىقتىدارىنى سىناش، مۇھاكىمە، كەسپىي پەن يازمىچە ئىمتىھان نەتىجىسى ئايرىم-ئايرىم %40، %30، %30 بويىچە نىسبەتلەشتۈرۈلۈپ قوشۇلىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىملىق «دۆلەت مەمۇرلۇق ئىمتىھانى» يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن مەمۇرلار قانۇنى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن مەركەز ئورگانلىرى ۋە ئۇنىڭغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئاپپاراتلارنىڭ تۇنجى قېتىم ئىمتىھان ئېلىپ مەمۇر قوبۇل قىلىشى بولۇپ، 24 مىڭ كىشى قوبۇل قىلىش پىلانلانغان، مەركەز ۋە دۆلەت ئاپپاراتىغا چېتىلىدىغان 86 ئورۇن، 23 بىۋاسىتە قاراشلىق ئاپپارات بار ئىكەن. جەمئىي 1 مىليون 142 مىڭ ئىمتىھان بەرگۈچى ئىمتىھاندىن بۇرۇن پۇل تاپشۇرۇپ تىزىملىتىپ، 965 مىڭ كىشى ئىمتىھانغا قاتناشقان، ئىمتىھانغا قاتنىشىش نىسبىتى %84.5، ئىمتىھانغا قاتناشقۇچىلارنىڭ سانى بىلەن پىلان بويىچە قوبۇل قىلىنىدىغانلارنىڭ نىسبىتى 40:1 بولغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ