مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شاڭخەي كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ پاي تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈستىدە ئىزدەندى

2019.12.19 14:15 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا شاڭخەيدە «شاڭخەي كەسپىي مائارىپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات پىلانى (2019 - 2022)» ئېلان قىلىندى. كەلگۈسى ئۈچ يىلدا، شاڭخەي كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ پاي تۈزۈمى ۋە ئارىلاش مۈلۈكچىلىك ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ھۆكۈمەت بىلەن كارخانا بىرلىكتە قۇرغان كەسپىي مەكتەپلەرنى نۇقتىدا سىناق قىلىش، ھەمدە ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپ، ئالىي كەسپىي مەكتەپ، ئەمەلىي تولۇق كۇرس ۋە كەسپىي ئىلمىي ئۇنۋان ماگىستىر قوللىنىشچان ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش سىستېمىسى قاتارلىقلارنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.

  پىلانغا ئاساسەن، شاڭخەي بەش يىللىق ئىزچىل تۈزۈمدىكى كەسپىي مەكتەپ قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ رايون كەسىپ تەرەققىياتى بىلەن زىچ جىپسىلاشقان ئالىي كەسپىي مەكتەپ قۇرۇشىنى قوللايدۇ؛ كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ پاي تۈزۈمى ۋە ئارىلاش مۈلۈكچىلىك ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ھۆكۈمەت بىلەن كارخانا ئورتاق قۇرغان كەسپىي مەكتەپلەرنى نۇقتىدا سىناق قىلىدۇ؛ ھۆكۈمەت مۇلازىمەتنى سېتىۋېلىش، ھاۋالىلىك باشقۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىپ ئورتاق قۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، كارخانا ۋە ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ كەسپىي مائارىپقا قاتنىشىشىغا ئىلھام بېرىدۇ، مەدەت بېرىدۇ ۋە تۈرتكە بولىدۇ. ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇشنى بىرلەشتۈرۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن، مەكتەپ ۋە كارخانىلارنى قوللاش قاتارلىق جەھەتلەردە قانۇن بويىچە بازارلاشتۇرۇش، كەسىپلەشتۈرۈش، ئىجتىمائىيلاشتۇرۇش مېخانىزمىنىڭ يۈرۈشىنى قوللاپ، ئىشلەپچىقىرىش خاراكتېرلىك تەربىيىلەش بازىسى قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كەسپىي مائارىپ بىلەن ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ھەمتۈرتكە مېخانىزمىنى بەرپا قىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ