مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

سودا مىنىستىرلىقى تاموژنا بېجىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش دائىرىسىنى ئىككى تەرەپ ئورتاق مۆلچەرلىشى ھەمدە بىرىنچى باسقۇچلۇق كېلىشىمنىڭ مۇھىملىقىنى تولۇق نامايان قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى

2019.11.15 16:30 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سودا مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى گاۋ فېڭ 14-نويابىر سودا مىنىستىرلىقىنىڭ قەرەللىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو تەرەپ سودا ئۇرۇشىنىڭ تاموژنا بېجىنى قوشۇپ ئېلىشتىن باشلانغانلىقىنى، شۇنداقلا تاموژنا بېجىنى قوشۇپ ئېلىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئارقىلىق ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئىككى تەرەپنىڭ كېلىشىم ھاسىل قىلىشىنىڭ مۇھىم شەرتى ئىكەنلىكىنى كۆپ قېتىم تەكىتلىدى. تاموژنا بېجىنى قوشۇپ ئېلىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئىشلەپچىقارغۇچىلار بىلەن ئىستېمالچىلارنىڭ مەنپەئەتىگە، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتىگە، شۇنداقلا دۇنيا مەنپەئەتىگىمۇ ئۇيغۇن، بىر تەرەپنىڭ مەنپەئەتىگە ئەمەس، بەلكى ئىككى تەرەپنىڭ مەنپەئەتىگىمۇ ئۇيغۇن.

  گاۋ فېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئەگەر ئىككى تەرەپ بىرىنچى باسقۇچلۇق كېلىشىم ھاسىل قىلسا، تاموژنا بېجىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش دائىرىسى بىرىنچى باسقۇچلۇق كېلىشىمنىڭ مۇھىملىقىنى تولۇق نامايان قىلىشى كېرەك، ئۇنىڭ مۇھىملىقىنى ئىككى تەرەپ ئورتاق مۆلچەرلىشى كېرەك. ئىككى تەرەپ بۇ ھەقتە چوڭقۇر مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. جۇڭگو تەرەپ ئامېرىكا بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، باراۋەر بولۇش ۋە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا بىر-بىرىنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان يادرولۇق مەسىلىلىرىنى مۇۋاپىق ھەل قىلىپ، بىرىنچى باسقۇچلۇق كېلىشىم ھاسىل قىلىش ئۈچۈن شارائىت يارىتىشنى خالايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ