مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقى جۇڭۋېي شەھىرىنىڭ مۇھىت بۇلغىنىش مەسىلىسىگە قارىتا ۋىۋىسكا ئېسىپ ھەيدەكچىلىك قىلىپ بېجىردى

2019.11.14 17:19 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقى تور پونكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا، بەزى تاراتقۇلار نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونى جۇڭۋېي شەھىرىنىڭ «تېڭگېلى قۇملۇقى ئەتراپىدا يەنە چوڭ كۆلەمدە بۇلغىما بۇيۇم بار»لىقىنى ئېلان قىلغان. ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقى يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ كېچىلەپ نەق مەيدانغا بارغان. دەسلەپكى سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈشكە قارىغاندا، تاراتقۇلار ئىنكاس قىلغان مېيلى ئورمان رايونىنىڭ بۇلغىنىش مەسىلىسىنىڭ راستلىقى ئىسپاتلانغان. 11-ئاينىڭ 13-كۈنى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقى جۇڭۋېي شەھىرىنىڭ مۇھىت بۇلغىنىش مەسىلىسىگە قارىتا ئاشكارا ۋىۋىسكا ئېسىپ ھەيدەكچىلىك قىلىپ بېجىرىشنى قارار قىلغان.

  دەسلەپكى سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈشكە قارىغاندا، بۇلغىما بويۇم 1998-يىلىدىن 2004-يىلىغىچە، جۇڭيې قەغەزچىلىك گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئاساسى نىڭشيا مېيلى قەغەزچىلىك گۇرۇھى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ قارىمىقىدىكى نىڭشيا مېيلى قەغەزچىلىك گۇرۇھى مۇھىت ئاسراش، ئېنېرگىيە تېجەش چەكلىك شىركىتى تۆككەن قەغەز ياساش قارا سۇيۇقلۇقى ئىكەن. نەق مەيداندا 120 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر (180 مو) دائىرىسىدىكى 14 ئورۇندا چېكىتسىمان، كاللەكسىمان بۇلغانغان يەر بايقالغان.

  11-ئاينىڭ 12-كۈنىگىچە، 64 مىڭ 691 توننا خالتىلىق قاتتىق تاشلاندۇقنى تازىلاپ، بۇلغانغان 14 رايوننىڭ تۆتى (تەخمىنەن 12 مىڭ 800 كىۋادرات كىلومېتىر) تازىلاش خىزمىتىنى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملىدى. ھازىر، نەق مەيداندا يىغىۋېلىنغان يېپىشقاق ماددا ئەۋرىشكىسىنىڭ خۇسۇسىيىتى پەرقلەندۈرۈلۈۋاتىدۇ، ئاخىرقى نەتىجىسى بارلىق كۆرسەتكۈچلەرنى تەكشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن بېكىتىلىدۇ.

  ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقى جۇڭۋېي شەھىرىنىڭ مۇھىت بۇلغىنىش مەسىلىسىگە ئاشكارا ۋىۋىسكا ئېسىپ ھەيدەكچىلىك قىلىپ بېجىرىپ، نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونلۇق ئېكولوگىيەلىك مۇھىت نازارىتى جۇڭۋېي شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىدىن تۆۋەندىكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشنى تەلەپ قىلدى:

  بىرىنچىدىن، بۇلغىمىنى داۋاملىق تازىلاپ، ئىلمىي بىر تەرەپ قىلىش.

  ئىككىنچىدىن، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش، قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش.

  ئۈچىنچىدىن، بىرنى بىلىش ئارقىلىق باشقىلارنىمۇ بىلىپ، يوشۇرۇن خەۋپنى تۈگىتىش. چوڭقۇر ساۋاق ئېلىپ، تېڭگېلى قۇملۇقى ۋە ئەتراپتىكى جايلارنىڭ مۇھىت بۇلغىنىش مەسىلىسىنى چوڭ رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ، مۇھىت بۇلغىنىشقا دائىر قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا قانۇن بويىچە قەتئىي زەربە بېرىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش.

  ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقى نەق مەيدان خىزمەت گۇرۇپپىسى داۋاملىق نەق مەيداندا بۇلغىمىنى تۈزەش خىزمىتىگە ھەيدەكچىلىك قىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ