مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يەتتە ئۆلكە بىرلىشىپ پەۋقۇلئاددە زور زەھەر ياساش دېلوسىنى پاش قىلىپ 54 جىنايەت گۇماندارىنى قولغا چۈشۈردى

2019.11.14 16:24 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج خ مىنىستىرلىقى زەھەر چەكلەش ئىدارىسى، ج خ مىنىستىرلىقى ئاخبارات- تەشۋىقات ئىدارىسى ئورگان تەرەپنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 11-ئاينىڭ 13- كۈنى فۇجيەن، جياڭشى، خېنەن، سىچۈەن، شەندۇڭ، ئەنخۇي، خۇبېي قاتارلىق يەتتە ئۆلكە، توققۇز ۋىلايەت، شەھەرلىك ج خ ئورگانلىرى 750دىن ئارتۇق ساقچىنى تەشكىللەپ، «25- سېنتەبىر» پەۋقۇلئاددە زور زەھەر ياساش دېلوسىغا قارىتا بىر تۇتاش تورنى يىغىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، فۇجيەن، جياڭشى، خېنەن، سىچۈەن قاتارلىق ئۆلكىلەردە ئېفېدرىن ياساش قاتارلىق ھەرخىل زەھەر ياساش زاۋۇتىدىن تۆتنى، خام ئەشيا ساقلاش ئامبىرىدىن ئۈچنى بىتچىت قىلدى، زەھەر ياساش جىنايەت گۇماندارىدىن 54نى قولغا چۈشۈردى، ئېفېدرىن قاتارلىق 450 كىلوگرام زەھەر ياساش بۇيۇمى، 77.55 توننا باشقا زەھەر ياساش خام ئەشياسى، 22 دانە رېئاكسىيە قازىنى ۋە زور تۈركۈمدىكى زەھەر ياساش ئۈسكۈنىسى قولغا چۈشۈرۈلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ