مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بىر ئايال ئايروپىلان ھەيدەش بۆلمىسى ئىچىدە خاتىرە سۈرەتكە چۈشكەنلىكتىن، گۇيلىن ئاۋىياتسىيەسىنىڭ ۋەقەگە چېتىشلىق ئايروپىلان باشلىقى ئۇچۇشتىن ئۆمۈرلۈك توختىتىلدى

2019.11.05 16:38 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بىر ئايالنىڭ يولۇچىلار ئايروپىلانى ھەيدەش بۆلۈمچىسىدە ئولتۇرغان سۈرىتى 3-نويابىر توردا قىزغىن مۇنازىرە قوزغىدى. بەزى تورداشلار سۈرەتتىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلەرگە ئاساسەن، ۋەقەگە چېتىشلىق ئايروپىلاننى گۇاڭشىدىكى مەلۇم ئاۋىياتسىيە شىركىتىگە تەۋە دەپ ھۆكۈم قىلدى. 4- نويابىر گۈيلىن ئاۋىياتسىيە چەكلىك شىركىتى ۋەقەگە چۈشەندۈرۈش ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: تەكشۈرۈش ئارقىلىق، بۇ ئىش بۇ يىل 1-ئاينىڭ 4- كۈنى گۈيلىن ئاۋىياتسىيەسىنىڭ GT1011 قېتىملىق گۇيلىندىن ياڭجۇغا ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانىدا يۈز بەرگەن، ئالاقىدار ئايروپىلان باشلىقىغا ئۇچۇشتىن ئۆمۈرۋايەت توختىتىش جازاسى بېرىلدى.

  گۈيلىن ئاۋىياتسىيە شىركىتى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 11-ئاينىڭ 3-كۈنى تورداشلارنىڭ «بىر يولۇچىنىڭ ئايروپىلان ھەيدەش بۆلۈمچىسىگە كىرىشى» ۋەقەسىگە ئالاقىدار مەلۇماتنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، شىركەت تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، ئىچكى تەكشۈرۈش تەرتىپىنى يولغا قويدى. تەكشۈرۈش ئارقىلىق ۋەقەنىڭ ھەقىقەتەن يۈز بەرگەنلىكى ئېنىقلاندى. جۇڭگو پۇقرالار ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى ۋە گۇيلىن ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ ئالاقىدار باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، ئايروپىلان باشلىقىنىڭ خەلق ئاۋىياتسىيەسىنىڭ قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، مۇناسىۋەتسىز كىشىلەرنى ھەيدەش بۆلۈمچىسىگە كىرگۈزۈش قىلمىشىغا قارىتا، گۈيلىن ئاۋىياتسىيە شىركىتى ئالاقىدار ئايروپىلان باشلىقىغا ئۇچۇشتىن ئۆمۈرۋايەت توختىتىش جازاسى بېرىشنى قارار قىلدى، ۋەقەگە چېتىشلىق ئايروپىلان ھەيدەش گۇرۇپپىسىنىڭ باشقا ئەزالىرىنىڭ ئۈچۇشى مۇددەتسىز توختىتىلدى ھەمدە شىركەتنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلدى.

  تورداشلارنىڭ قىزغىن مۇنازىرىسىنى قوزغىغان بۇ سۈرەتتە، ئۇچىسىغا فورما كەيمىگەن بىر ئايال ئايروپىلان ھەيدەش ئورنىدا ئولتۇرغان بولۇپ، ئالدىدىكى پىرىبور دىسكىسى ئالدىغا چەينەك-پىيالە قاتارلىق بۇيۇملار تىزىپ قويۇلغان ئىدى، ئايال «قايچا قول» ھەرىكىتىنى كۆرسەتكەن بولۇپ، سۈرەتكە يەنە «ئايروپىلان باشلىقىغا ئىنتايىن رەھمەت» دېگەن خەت قوشۇپ قويۇلغان ئىدى.

  گۇيلىن ئاۋىياتسىيە شىركىتى بۇ قېتىمقى ۋەقەگە قارىتا چوڭقۇر ئويلىنىپ، ئەستايىدىل ياخشىلاپ، قاتتىق بىخەتەر ھەرىكەت قىلىش خىزمەت ئىستىلىنى تۇرغۇزۇپ، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ۋەقەلەرنىڭ قايتا يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ