مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەركەز «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئۇقتۇرۇش تارقاتتى

بىرىنچى تۈركۈمدىكى ئاساسىي تېما تەربىيەسى ئورۇنلىرىنىڭ تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىغا قارىتا «قايتا قاراش» ئېلىپ بېرىلىدۇ

2019.11.05 15:48 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، مەركەز «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى «تۇنجى تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسى ئورۇنلىرىنىڭ تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى ‹قايتا كۆزىتىش›توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقىتىپ، 1-تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسى ئېلىپ بارغان ئورۇنلارنىڭ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى داۋاملىق چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش، قەلبكە سىڭدۈرۈش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالى، تۈزىتىش لايىھەسىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالى، مەخسۇس تۈزەش-ئىلگىرىلەش ئەھۋالى، يۇقىرى-تۆۋەن ھەمتۈرتكە بولۇپ تۈزەش ئەھۋالىغا قارىتا «قايتا قاراش» ئېلىپ بېرىپ، ئۆزىنى ئۆزى تەكشۈرۈشنى ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇپ، چوڭقۇر تەھلىل قىلىش، تۈزىتىشنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ رازى بولۇش تۇيغۇسى، ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلدى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى داۋاملىق چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش، قەلبكە سىڭدۈرۈش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىغا قارىتا «قايتا قاراش» كېرەك. باش تېما تەربىيەسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇسۇلى ۋە تەجرىبىلىرىدىن ئاڭلىق ھالدا ياخشى پايدىلىنىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى داۋاملىق چوڭقۇر ئۆگەنگەن- ئۆگەنمىگەنلىكىگە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 4-ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان سۆزى قاتارلىق ئەڭ يېڭى مۇھىم سۆزىنى ئۆگەنگەن-ئۆگەنمىگەنلىكىگە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شۇ رايون، شۇ ساھەنىڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇق، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئۆگەنگەن-ئۆگەنمىگەنلىكىگە؛ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىدىن پايدىلىنىپ ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشتە يېڭى ئىلگىرىلەش، يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن-كەلتۈرمىگەنلىكىگە؛ پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش تەلىپىنى مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىش، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئەمەلىي ھەرىكىتىدە ئەمەلىيلەشتۈرگەن- ئەمەلىيلەشتۈرمىگەنلىكىگە نۇقتىلىق قاراش لازىم. (بۇ يەرنى بېسىپ تولۇق تېكىستىنى كۆرۈڭ)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ