خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ھايۋانات تەتقىقات ئورنى، غول ھۈجەيرە ۋە قايتا ھاسىل قىلىش مېدىتسىناسى يېڭىلىق يارىتىش تەتقىقات يۇرتى، كۇنمىڭ ھايۋانات تەتقىقات ئورنى بىرلىشىپ تاماملىغان بىر تۈرلۈك ئىنسانلاردىن باشقا پىرىماتورلار تۆرەلمىسىنىڭ ئىپتىدائىي ئۈچەي ھەرىكىتىنى تەن سىرتىدا قايتا نامايان قىلىش تەتقىقاتى خەلقئارا ئىلىم-پەن ژۇرنىلى «ئىلىم-پەن»گە بېسىلىپ، توردا ئېلان قىلىندى. بۇ تەتقىقات پىرىماتورلار تۆرەلمىسىنىڭ ئانا تەن يۆلەنچۈكى بولمىغان ئەھۋالدا تەن سىرتىدا يېتىلىپ ئىپتىدائىي ئۈچەيگە ئايلىنالايدىغانلىقىنى تۇنجى قېتىم ئىسپاتلاپ، پىرىماتورلار تۆرەلمىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدىكى يېتىلىش جەريانىنى تەتقىق قىلىشقا مۇھىم تەتقىقات ئاساسى سالدى.
تۆرەلمىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدىكى يېتىلىشى ھاياتلىق مەنبەسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئىزچىل بىيولوگىيە تەتقىقاتىدىكى قىزىق نۇقتا ۋە قىيىن نۇقتا بولۇپ كەلگەن. ئېتىكا ۋە تەتقىقات تېخنىكىسى قاتارلىقلارنىڭ چەكلىمىسى تۈپەيلى، ئىلىم ساھەسىدىكىلەرنىڭ پىرىماتورلار تۆرەلمىسىنىڭ ئىپتىدائىي ئۈچەي ھەرىكىتى توغرىسىدىكى تەتقىقاتى ئىنتايىن چەكلىك ئىدى. بۇ قېتىم جۇڭگو ئالىملىرى پىرىماتورلار تۆرەلمىسىنى تەن سىرتىدا يېتىشتۈرۈش سىستېمىسى ئارقىلىق، قىسقۇچپاقا يەيدىغان مايمۇننىڭ خالتىلىق تۆرەلمىسىنى تەن سىرتىدا ئىپتىدائىي ئۈچەي ھەرىكىتى پەيدا بولغۇچە ھەمدە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئۇرۇقلانغاندىن كېيىنكى 20 كۈنگىچە يېتىشتۈرۈپ، تەن سىرتىدا يېتىشتۈرۈلگەن قىسقۇچپاقا يەيدىغان مايمۇن تۆرەلمىسىنىڭ تەن ئىچىدىكى ئىپتىدائىي ئۈچەي ھەرىكىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان كۆپ خىل مۇھىم بىيولوگىيەلىك ۋەقەلەرنى قايتا نامايان قىلالايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى ھەم كۆپ خىل پىرىماتورلار تۆرەلمىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدىكى ھۈجەيرە تۈرىگە قايتىدىن ئېنىقلىما بەردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ