مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىق (زۇڭلى)لىرى كېڭىشىنىڭ 18- قېتىملىق يىغىنىغا قاتنىشىدۇ ھەم ئۆزبېكىستاندا زىيارەتتە بولىدۇ، شەرقىي ئاسىيا ھەمكارلىقى بويىچە رەھبەرلەر يۈرۈشلۈك يىغىنىغا قاتنىشىدۇ ھەم تايلاندتا زىيارەتتە بولىدۇ

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىز جۇڭگو، چەت ئەل تاراتقۇلىرىنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئېچىپ، ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى

2019.10.29 16:17 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىز 10–ئاينىڭ 28–كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىق (زۇڭلى)لىرى كېڭىشىنىڭ 18–قېتىملىق يىغىنىغا قاتنىشىدىغانلىقى ھەم ئۆزبېكىستاندا زىيارەتتە بولىدىغانلىقى، شەرقىي ئاسىيا ھەمكارلىقى بويىچە رەھبەرلەر يۈرۈشلۈك يىغىنىغا قاتنىشىدىغانلىقى ھەم تايلاندتا زىيارەتتە بولىدىغانلىقى توغرىسىدا جۇڭگو، چەت ئەل تاراتقۇلىرىنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئاچتى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ مىنىستىر ياردەمچىسى چېن شياۋدۇڭ، سودا ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىر ياردەمچىسى لى چېڭگاڭ ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى ھەم جۇڭگولۇق، چەت ئەللىك مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

  بىرىنچى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى زۇڭلىلىرى يىغىنىغا قاتنىشىشى توغرىسىدا

  چېن شياۋدۇڭ مۇنداق دېدى: شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرۇلغان 18 يىلدىن بۇيان، «شاڭخەي روھى»غا قەتئىي ئەمەل قىلىپ، تۈرلۈك ساھەلەرنىڭ ھەمكارلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، رايوننىڭ خەۋپسىزلىكى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينىدى. نۆۋەتتىكى خەلقئارا ۋەزىيەت مۇرەككەپ، چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولۇۋاتقان، مۇقىمسىز، ئېنىقسىز ئامىللار كۆپىيىۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈشتە، ئالاقىدار ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا بولغان ئارزۇسى تېخىمۇ ئېشىپ، ئۇلار ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىخەتەرلىك، مۇقىملىقنى قوغداپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلدى. زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ ئۆزبېكىستانغا بېرىپ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى زۇڭلىلىرى يىغىنىغا قاتنىشىشى بۇ يىل 6–ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن بىشكەك باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇش، ئالاقىدار دۆلەتلەر بىلەن بولغان دوستانە مۇناسىۋەتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  يىغىنغا قاتنىشىش مەزگىلىدە، زۇڭلى لى كېچياڭ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى تەشۋىق قىلىپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيانقى قۇرۇلۇش مۇۋەپپەقىيەتلىرى نەتىجىلىرىدىن بەھرىمەن بولۇپ، بىشكەك باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرىنى گەۋدىلىك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يىغىنغا قاتناشقان ھەرقايسى دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن بىرگە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىش – ئۆز ئارا ئىشىنىشنى كۈچەيتىش، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ۋە ئىقتىساد– سودا، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش، پۇل مۇئامىلە، سېلىنما، ئادىمىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرىدۇ. يىغىن ئادەت بويىچە «قوشما ئاخبارات» ئىمزالايدۇ ۋە ئېلان قىلىدۇ ھەم تەشكىلات قۇرۇلۇشى ۋە ئالاقىدار ساھەلەرنىڭ ھەمكارلىقىغا چېتىلىدىغان تۈرلۈك ھۆججەتلەرنى ئىمزالاشنى تەستىقلايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ