مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

2-نۆۋەتلىك ئىمپورت كۆرگەزمىسىدە ئامېرىكا كارخانىلىرىنىڭ كۆرگەزمىگە قاتنىشىش كۆلىمى 1-ئورۇندا تۇرىدۇ

2019.10.31 14:43 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سودا مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىر ياردەمچىسى، جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسى تەشكىلىي كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى رېن خۇڭبىن 29-ئۆكتەبىر تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 2-نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىگە قاتناشقان ئامېرىكا كارخانىلىرىنىڭ سانى 192گە يېتىپ، بۇلتۇرقىدىن %18 ئاشتى؛ كۆرگەزمىگە قاتناشقان كۆلەم 47 مىڭ 500 كىۋادرات مېتىرغا يېتىپ، بۇلتۇرقى بىلەن سېلىشتۇرغاندا كۆرۈنەرلىك ئاشتى، كۆرگەزمە كۆلىمى كۆرگەزمىگە قاتناشقان دۆلەتلەر ئىچىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇردى.

  سودا مىنىستىرلىقى شۇ كۈنى ئۆتكۈزگەن جۇڭگو ۋە چەت ئەل تاراتقۇلىرىنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدا رېن خۇڭبىن مۇنداق دېدى: تۇنجى نۆۋەتلىك ئىمپورت كۆرگەزمىسى مەزگىلىدە، بىر يىل بويىچە ھېسابلىغاندا، كۆرگەزمىگە قاتناشقان كارخانا ۋە سېتىۋېلىش سودىگەرلىرى 57 مىليارد 830 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق پۈتۈشۈش سوممىسى ھاسىل قىلغان ئىدى. بىر يىلدىن بۇيان، تۇنجى نۆۋەتلىك ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ نەتىجىسىنىڭ ئەمەلىيلىشىشى ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشى بولدى، ئەھۋالدىن قارىغاندا، كۆپ قىسىم سودا ئۆمەكلىرىنىڭ توختامنى تاماملاش نىسبىتى %90 تىن ئېشىپ كەتتى، كۆرگەزمىگە قاتناشقان سودىگەرلەر، سېتىۋېلىش سودىگەرلىرى ۋە ئىستېمالچىلار ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتى. ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ پائال قاتنىشىشى ۋە قوللىشى ئارقىسىدا، ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ سەۋىيەسى بارغانسېرى يۇقىرى بولۇپ، تەسىرى بارغانسېرى كېڭىيىدۇ، تاشقى تەسىرى بارغانسېرى زورىيىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ