خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۇنجى نۆۋەتلىك سىجىلچان تەرەققىيات مۇنبىرى 24- چېسلا بېيجىڭدا ئېچىلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو يېڭىلىق يارىتىش، ماسلاشتۇرۇش، يېشىلچىلىق، ئېچىۋېتىش ۋە ئورتاق بەھرىلىنىشتىن ئىبارەت تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، 2030- يىللىق سىجىلچان تەرەققىيات قارالمىسىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جۇڭگو جەنۇب-جەنۇب ھەمكارلىقىنى پائال چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، 2030- يىللىق سىجىلچان تەرەققىيات قارالمىلىرى بىلەن چوڭقۇر جىپسىلاشتۇرۇپ، دۇنيانىڭ سىجىلچان تەرەققىيات نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى. مەن ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ 2030- يىللىق سىجىلچان تەرەققىيات قارالمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ ياخشى تەدبىرى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىنسانىيەتنىڭ تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسىنى قول تۇتۇشۇپ بەرپا قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ