خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ 21- ئۆكتەبىردىن 22- ئۆكتەبىرگىچە سەنشى ئۆلكىسىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: سەنشى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى ۋە تەلىپى بويىچە، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، دادىل ئىسلاھ قىلىپ ۋە يېڭىلىق يارىتىپ، ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەسىپ ئەلا، سۈپىتى يۇقىرى ۋە ئۈنۈمى ياخشى بولغان سىجىلچان تەرەققىياتنىڭ يېڭى يولىنى تېپىپ چىقىشى كېرەك.
خەن جېڭ تەيگاڭ نازۇك پولات چەكلىك شىركىتىگە بېرىپ، كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ۋە پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، تەتقىق قىلىپ يېڭى مەھسۇلات يارىتىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى، مەھسۇلاتلارنىڭ بىناكارلىق، قاتناش ۋە ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى قوللىنىش ئەھۋالىنى سورىدى، يۇقىرى تېخنىكىلىق پولات ۋە كاربون تالالىق مەھسۇلاتلارنى تەكشۈردى، ھىدروگېن يېقىلغۇلۇق باتارېيە ۋە يۇمشاق ئېكران قاتارلىق جەھەتلەردە ئىشلىتىلىدىغان مېتال ماتېرىيال «قول بىلەن يىرتىلىدىغان پولات»نى سىناپ كۆردى، پروكاتلاش ماشىنىسى مەشغۇلات ئىشخانىسىغا كىرىپ كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى. خەن جېڭ مۇنداق دېدى: ئەنئەنىۋى ياسىمىچىلىقنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق يېتەكلەشنى ئاچقۇچ قىلىپ، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، ئاچقۇچلۇق ۋە يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى تېزلىتىپ، مەھسۇلاتنىڭ قوشۇلما قىممىتىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈپ، سۈپەتنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇستەقىل بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە يادرولۇق تېخنىكىنىڭ دۆلەتنىڭ مۇھىم قۇرۇلۇشلىرىدا قوللىنىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ