مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ: تېخىمۇ كۆپ مېيىپلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسىنى ھەمدە كىشىلىك تۇرمۇش قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىش كېرەك

2019.10.28 14:13 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك مېيىپلار كەسپىي ماھارەت مۇسابىقىسى ۋە 3- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك مېيىپلار كەسپى ماھارەت كۆرگەزمىسى بايرىمى 27- ئۆكتەبىر جېجياڭنىڭ جياشىڭدا باشلاندى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ يېقىندا مېيىپلارنىڭ كەسپىي ماھارىتىنى ئۆستۈرۈپ، مېيىپلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ۋە ئىگىلىك تىكلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم تەستىقىي يوليورۇق بەردى. تەستىقىي يوليورۇقتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: مېيىپلار توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ بەختلىك تۇرمۇش ۋە ئىجتىمائىي بايلىق ياراتقانلىقى كىشىنىڭ ھۆرمىتىنى قوزغايدۇ. مىيىپلارنىڭ بۇ قېتىمقى كەسپىي ماھارەت مەملىكەتلىك مۇسابىقىسى ۋە مىيىپلار كەسپى ماھارەت كۆرگەزمىسى بايرىمىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى مېيىپلارنىڭ كۈرەش قىلىش خىسلىتىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلىدۇ. جايلار ۋە ئالاقىدار تارماقلار شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر ۋە ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، مېيىپلارنىڭ كەسپىي ماھارىتىنى ئۆستۈرۈشى، ئىشقا ئورۇنلىشىشى ۋە ئىگىلىك تىكلىشى قاتارلىقلارنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىنى بوشاشماي ياخشى ئىشلەش كېرەك. مېيىپلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا دائىر قانۇن-نىزام ۋە سىياسەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مېيىپلارنىڭ ئەمەلىي يېڭىلىق يارىتىش ئۇسۇلى ۋە مەزمۇنىنى بېيىتىشقا قارىتا، كەسپىي مائارىپنى ۋە كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە ئىگىلىك تىكلەشكە يېتەكچىلىك قىلىش ۋە ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، مېيىپلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە ئىگىلىك تىكلەش جەھەتتىكى توسالغۇلىرىنى كۈچەپ تۈگىتىپ، يېزىلاردىكى نامرات مېيىپلارنىڭ نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ مېيىپلارنىڭ ئەمگەكچانلىقى ۋە ئەقىل-پاراسىتى ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسىنى ھەمدە كىشىلىك تۇرمۇش قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ