خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى يېقىندا ئېلان قىلغان «2018-يىللىق دۆلەت داۋالاش مۇلازىمىتى ۋە سۈپەت بىخەتەرلىكى دوكلاتى»دا كۆرسىتىلىشىچە، ئېلىمىزنىڭ داۋالاش مۇلازىمىتى ئومۇمىي مىقدارى دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرۇپ، داۋالاش سۈپىتى سەۋىيەسى ۋە داۋالاش تېخنىكا ئىقتىدارى سىجىل ئۆسكەن. 2018-يىلى ئېلىمىز سەھىيە خادىملىرىنىڭ ئومۇمىي سانى 12 مىليون 300 مىڭدىن ئېشىپ، داۋالاش ئاپپاراتلىرى سانى 1 مىليونغا يېقىنلاشتى. داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ داۋالاش قېتىم سانى 2005-يىلىدىكى 4 مىليارد 97 مىليوندىن 2018-يىلىدىكى 8 مىليارد 308 مىليونغا يەتتى؛ دوختۇرخانىغا كىرگەن ئادەم قېتىم سانى 2005-يىلىدىكى 72 مىليوندىن 2018-يىلىدىكى 255 مىليونغا كۆپەيدى.
داۋالاش سۈپىتى ۋە سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆستى، كلىنىكىدا مۇۋاپىق دورا ئىشلىتىش سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆستى. ئېلىمىزنىڭ ئامبۇلاتورىيەدە رېتسېپلىق باكتېرىيەگە قارشى دورىلارنى ئىشلىتىش نىسبىتى 2011-يىلىدىكى %17.2 تىن 2018- يىلىدىكى %8.9 كە، دوختۇرخانىدا ياتقان بىمارلارنىڭ باكتېرىيەگە قارشى دورىلارنى ئىشلىتىش نىسبىتى 2011- يىلىدىكى %61.4 تىن 2018- يىلىدىكى %40.4 كە چۈشتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ