مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەركەزنىڭ باش تېما تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، "ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش"باش تېما تەربىيەسى داۋامىدا ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك، دېدى

2019.09.29 15:06 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- سېنتەبر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، مەركەزنىڭ "ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش" باش تېما تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى «"ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش" باش تېما تەربىيەسى داۋامىدا ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقىتىپ،" ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش" باش تېما تەربىيەسى داۋامىدا، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك قىزغىنلىقىنى ئۇرغۇتۇپ، يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان ھەيۋەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئورۇنلاشتۇرغان ھازىر قىلىۋاتقان ئىشلارنى ياخشى ئىشلەش كېرەك، دەپ كۆرسەتتى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئۆگىنىش ۋە تەربىيە داۋامىدا پارتىيەلىك كادىرلارنى پارتىيەنى، ۋەتەننى، سوتسىيالىزمنى سۆيۈشنى بىرلىككە كەلتۈرۈشكە يېتەكلەش كېرەك. جايلار، تارماقلار ۋە ئورۇنلار ئۆگىنىش ۋە تەربىيەنىڭ ئاساسىي تەلىپىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بەلگىلەنگەن كىتابلار كاتالوگىنى ئەينەن ئۆگىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يېڭى دەۋردىكى ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنى مۇشۇ ئۆگىنىشنىڭ ۋە تەربىيەنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، شەخسلەر ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ۋە ئالماشتۇرۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، پارتىيەلىك كادىرلارنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋردىكى ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىشكە تەشكىللەش كېرەك، ھەمدە ئۇلارنىڭ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىگە بولغان چۈشەنچىسىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچىغا بولغان تەسىراتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: پارتىيە تارىخى ۋە يېڭى جۇڭگو تارىخىنى ئۆگىنىش داۋامىدا پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتى ۋە دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىرادىسىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. "ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش"باش تېما تەربىيەسى داۋامىدا، پارتىيە تارىخى ۋە يېڭى جۇڭگو تارىخىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش تەلىپى بويىچە، پارتىيەلىك كادىرلارنى ئۆگىنىش داۋامىدا پارتىيەمىزنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھاتنىڭ شانلىق مۇساپىسى ۋە ئەنئەنىسىنى، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيانقى، بولۇپمۇ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن بۇيانقى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە قىممەتلىك تەجرىبىلىرىنى ئىگىلەشكە تەشكىللەپ ۋە يېتەكلەپ، ئۇلارنى تارىخنى بىلىش، ۋەتەننى سۆيۈش، ئاڭلىق ھالدا ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش ۋە بۇرچىنى ئادا قىلىشقا يېتەكلەش كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ