مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئۆكتەبىر بايرىمى مەزگىلىدە شىنجاڭ ئىچىدىكى ئايروپىلان بېلەت باھاسى تۆۋەن بولىدۇ

ئاۋات ساياھەت مەنزىلىنىڭ ئايروپىلان بېلەت باھاسى يۇقىرى بولىدۇ

2019.09.27 14:57 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جوڭچيۇ بايرىمى ئەمدىلا ئۆتۈپ كېتىشىگە، دۆلەت بايرىمى ئالتۇن ھەپتىلىكى يېتىپ كەلدى، دەم ئېلىش مەزگىلىنىڭ يېقىنلاپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، ئۆكتەبىر بايرىمىدا ساياھەت قىلىش نۇرغۇن ساياھەتچىنىڭ كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈلدى. گەرچە ئۆكتەبىر بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە ئاۋات ساياھەت يۆنىلىشلىرىگە قاتنايدىغان ئايروپىلان بېلەتلىرىنىڭ باھاسى بىر ئاز ئۆسكەن بولسىمۇ، لېكىن شىنجاڭ ئىچىدىكى ئايروپىلان بېلەت باھاسىدا يەنىلا بىر قەدەر ئېتىبار قىلىنىدۇ.

  9-ئاينىڭ 23-كۈنى ھەر قايسى چوڭ ئايروپىلان بېلىتى سېتىش APP دېتاللىرىدىن سۈرۈشتۈرۈپ ئىگىلىنىشىچە، «ئۆكتەبىر بايرىمى» ئالتۇن ھەپتىلىكىدە ئۈرۈمچىدىن شىنجاڭ ئىچىدىكى ھەر قايسى چوڭ شەھەرلەرگە ئۇچىدىغان ئايروپىلان بېلەت باھاسى ئەڭ تۆۋەن بولغاندا ئەسلىي باھانىڭ 10 پىرسەنتىدىن باشلاپ ئېتىبار قىلىنىدىكەن؛ بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجوۋ قاتارلىق جايلارغا ئۇچىدىغان ئايروپىلان بېلەت باھاسى بىردەك 1000 يۈەن ئەتراپىدا بولىدىكەن، خەلقئارا ساياھەت لىنىيەلىرىدىمۇ 1000 يۈەندىن باشلانغان ئايروپىلان بېلەتلىرى بار ئىكەن.

  ئايروپىلان بېلەتلىرىنى ئېتىبار قىلىش جەھەتتە، 10-ئاينىڭ 3- ۋە 4-كۈنى (دۆلەت بايرىمى)نىڭ ئالدى-كەينىدە سەپەرگە چىققاندا باھا مۇۋاپىق بولىدىكەن، شىنجاڭدىن دۆلەت ئىچىدىكى ھەر قايسى چوڭ ئاساسلىق شەھەرلەرگە ئۇچقاندا 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىكى بېلەت باھاسى 10-ئاينىڭ 3-ۋە 4-كۈنىگە سېلىشتۇرغاندا ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى بولىدىكەن، لېكىن يەنە نۇرغۇن لىنىيەلەرنىڭ بېلەت باھاسىدا %70لىك ئېتىبار بار بولۇپ، ئايروپىلان بېلەت باھاسىدا «بايراملىق دەم ئېلىشنىڭ بېشى ۋە ئاخىرىدا يۇقىرى، ئوتتۇرىسىدا تۆۋەن» بولۇشتەك ۋەزىيەت شەكىللىنىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ