خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 29- چېسلا چۈشتىن بۇرۇن، جۇڭگو ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ مىكرو بىلوگىدا 2019- يىللىق جۇڭگو ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىدىن دۇنيا لوڭقىسىغا قاتنىشىدىغان 12 توپچىنىڭ تىزىملىكىنى رەسمىي ئېلان قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە: يى جيەنليەن، جۇ چى، ۋاڭ جېلىن، گو ئەيلۇن، فاڭ شو، جاۋ جىۋېي، سۈن مىڭخۇي، جاۋ رۇي، ئابدۇسالام ئابدۇرېشىت، رېن جۈنفېي، قىرانبېك ماقان، جەي شياۋچۈەن قاتارلىقلار بار.
بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى ۋاسكېتبول مۇسابىقىسىدە، جۇڭگو كوماندىسى كوتىدى ئىۋۇئېر، پولشا ۋە ۋېنسۇئېلا كوماندىسى بىلەن A گۇرۇپپىغا بۆلۈندى. 31- ئاۋغۇست كەچتە، جۇڭگو ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى كوتىدى ئىۋۇئېر بىلەن تۇنجى مەيدان مۇسابىقە ئۆتكۈزىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ