مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

گوۋۇيۈەن: يەنە بىر تۈركۈم سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

2019.08.30 09:03 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 8-ئاينىڭ 28-كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا قويۇۋېتىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىش داۋامىدا ۋە ئىشتىن كېيىن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئادىل رىقابەت ئارقىلىق بازار ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ بىر تۈركۈم سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، بازار سۇبيېكتىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش ھاياتىي كۈچىنى تېخىمۇ زور دەرىجىدە ئۇرغۇتۇش قارار قىلىندى؛ تەنتەربىيە، بەدەن چېنىقتۇرۇش ۋە تەنتەربىيە ئىستېمالىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش تەدبىرلىرى بېكىتىلدى، توردا مائارىپنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مائارىپ ئادىللىقىغا تۈرتكە بولۇش ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  بازار ئىجازىتى شەرتىنى تۆۋەنلىتىش، «كىنىشكىلەرنى ئازايتىش» ئارقىلىق «مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاش» نى ئىلگىرى سۈرۈش، كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش ھاياتىي كۈچىنى قوزغاش ئۈچۈن، يىغىندا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسىنى زور دەرىجىدە ئازايتىش ئاساسىدا، ئىچىدىن يانىدىغان دۋىگاتېل، ئاپتوموبىل تورمۇزى قاتارلىق 13 خىل مەھسۇلاتنى ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىخەتەرلىك، ساغلاملىق، مۇھىت ئاسراشقا چېتىلىدىغان مەھسۇلاتلارنى مەجبۇرىي ئېتىراپ قىلىپ باشقۇرۇشقا ئۆزگەرتىش، ئىسپات بېرىش خىراجىتىنى مالىيە ئۈستىگە ئېلىش قارار قىلىندى.

  پەنگۇ ئاقىللار ئامبىرىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى پەن خېلىن مۇنداق دېدى: يەنە بىر تۈركۈم سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ياسىمىچىلىق كارخانىلىرىنىڭ تۈزۈم خاراكتېرلىك تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، كارخانىلارنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق.

  ۋەن بوشىن ئىقتىساد تەتقىقات يۇرتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ليۇ جېمۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەمۇرىي جەھەتتە كىنىشكىنى، ھوقۇقنى ئازايتىشتىن ئىبارەت «ئازايتىش ئۇسۇلى» ئارقىلىق، كارخانىلارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولىدىغان «قوشۇش ئۇسۇلى»نى قولغا كەلتۈرۈش-قويۇۋېتىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، تىجارەت، سودا مۇھىتىنى ياخشىلاشتىكى مۇھىم تۇتقۇ. ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسىنى زور دەرىجىدە ئازايتىپ، كارخانا ئېچىشتا كىنىشكا بېجىرىش رەسمىيىتىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ باشقۇرۇش تەننەرخى ۋە تۈزۈم تەننەرخىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتىپ، كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش، تىپىنى ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، مۇناسىپ ساھەلەردىكى مىكرو ئىگىلىكنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتقىلى بولىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ