مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خېيلۇڭجياڭنى گۈللەندۈرۈش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش يېڭى ۋەزىيىتىنى جاسارەت بىلەن يارىتايلى

ج ك پ خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىلىك كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاڭ چىڭۋېي، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ باشلىقى ۋاڭ ۋېنتاۋ

2019.08.27 14:53 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 70 يىل جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، 70 يىل مول نەتىجىگە ئېرىشتۇق. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، خېيلوڭجياڭدىكى كەڭ كادىرلار ۋە ئامما شەرقىي شىمالدا ئەينى يىللاردا تەشكىللەنگەن ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇش بىرلەشمە ئارمىيەسىنىڭ روھى، بېيداخۇاڭ روھى، داچىڭ روھى ۋە تۆمۈر ئادەم روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئەلنى گۈللەندۈرۈشكە تىرىشىپ، جاپاغا چىداپ ئىگىلىك تىكلەپ، قەدىمكى چۆل-باياۋاندا جۇڭخۇا چوڭ ئاشلىق ئامبىرى ئېچىپ، دۇنيا دەرىجىلىك چوڭ نېفىتلىكنى بەرپا قىلىپ، بىر تۈركۈم چوڭ دۆلەت كارخانىلىرىنى قۇرۇپ، جۇڭگونىڭ شىمالىدىكى مۇھىم ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداپ، دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن گەۋدىلىك تۆھپە قوشتى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان چاغدىكى ئەھۋال بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئۆلكە بويىچە رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 122.1 ھەسسە، سانائەت قوشۇلما قىممىتى 325.1 ھەسسە، جامائەت مالىيە كىرىمى 227.9 ھەسسە، شەھەر-يېزا ئاھالىسىنىڭ كىرىمى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 148.7 ھەسسە ۋە 100.5 ھەسسە ئاشتى، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلدى، شەھەر-يېزىلارنىڭ قىياپىتىدە ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بولدى.

  پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ ئىسلاھات ۋە تەرەققىياتىغا باشتىن-ئاخىر يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىگە ئىككى قېتىم كېلىپ خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈپ ۋە يېتەكچىلىك قىلىپ، مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، يېڭى دەۋردىكى خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ گۈللىنىشى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى، ھەمدە ئۇنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. بىز شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ۋە خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ خىزمىتىدە قىلغان مۇھىم سۆزىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، «ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى»نى قەتئىي ياخشى قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈش نىشانىغا قاراپ ئۈزلۈكسىز جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىدۇق. (بۇ يەرنى بېسىپ تولۇق تېكىستىنى كۆرۈڭ)

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ