لى كېچياڭ جۇڭگو-ياپونىيە-كورېيە ئۈچ دۆلەت ھەمكارلىقىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى قاتلامغا قەدەم قويۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايمەن، دېدى

2019.08.23 15:01 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 22- ئاۋغۇست چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا جۇڭگو-ياپونىيە-كورېيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن كورېيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى كاڭ جىڭخې، ياپونىيە دىپلوماتىيە ۋەزىرى تارو كونو بىلەن كۆرۈشتى.

  لى كېچياڭ جۇڭگو-ياپونىيە-كورېيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىل جۇڭگو-ياپونىيە-كورېيە ھەمكارلىقى باشلانغانلىقىنىڭ 20 يىللىقى. ئۈچ دۆلەتنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى يېقىن، ئادىمىيەت ئالاقىسى بار، ئىقتىسادىي جەھەتتە بىر-بىرىنى تولۇقلاشچانلىقى كۈچلۈك، ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچى زور. نۆۋەتتە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ مۇقىمسىزلىقى، ئېنىقسىزلىقى داۋاملىق ئېشىۋاتقان، دۇنيا ئىقتىساد-سودا بېسىمى ئېشىۋاتقان ئەھۋالدا، جۇڭگو-ياپونىيە-كورېيەنىڭ ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى ئۆزىنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق بولۇپلا قالماي، يەنە رايون ۋە دۇنيا ئىقتىسادىدا «مۇقىملاشتۇرغۇچ» ۋە «ئىتتىرگۈچ»لۈك رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ. جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو-ياپونىيە-كورېيە ھەمكارلىقىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، كورېيە، ياپونىيە بىلەن بىرلىكتە ئۈچ دۆلەت ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ