مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو ساياھەت ئۆمىكىنىڭ لائوستا ئېغىر قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچرىغانلىقى توغرىسىدا شى جىنپىڭ بىلەن بېنياڭ ئۆزئارا سۆزلەشتى

2019.08.23 15:00 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا جۇڭگو ساياھەت ئۆمىكىنىڭ لائوستا ئېغىر قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچرىغانلىقى توغرىسىدا لائوس خەلق ئىنقىلابىي پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركەز دۆلەت مۇداپىئە ئامانلىق ساقلاش كومىتېتىنىڭ رەئىسى بېنياڭ بىلەن سۆزلەشتى.

  بېنياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنىڭ لائوستا ئېغىر قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچراپ، ئېغىر تالاپەت پەيدا بولغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، كۆڭلۈم ئىنتايىن يېرىم بولدى، قازا قىلغانلارغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمەن، يولداش شى جىنپىڭدىن ھەمدە يولداش شى جىنپىڭ ئارقىلىق قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە يارىلانغانلاردىن سەمىمىي ھال سورايمەن. لائوس داۋاملىق جۇڭگو بىلەن زىچ ماسلىشىپ، يارىدارلارنى قۇتقۇزۇش ۋە ۋەقەدىن كېيىنكى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى ئىشلەيدۇ. ئىشىنىمەنكى، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، بۇ قېتىمقى ھادىسە چوقۇم مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ، لائوس-جۇڭگو تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشى چوقۇم ئوڭۇشلۇق ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، لائوس تەرەپ تېزدىن پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ساقچى، خەلق قاتارلىق ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچىنى پائال قۇتقۇزۇشقا سەپەرۋەر قىلىپ، جۇڭگو-لائوس مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىش ۋە ھادىسىنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەسىنى گەۋدىلەندۈردى. مەن جۇڭگونىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ۋە لائوستا «تىنچلىق پويىزى- 2019» بىرلەشمە مەشىقىگە قاتنىشىۋاتقان جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى داۋالاش ئەترىتىگە قۇتقۇزۇشقا قاتنىشىش توغرىسىدا يوليورۇق بەردىم. ئىككى تەرەپنىڭ ھەر قايسى تەرەپلەردە داۋاملىق زىچ ماسلىشىپ، يارىدارلارنى قۇتقۇزۇش ۋە ئاخىرەتلىك ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش − جۇڭگو بىلەن لائوستىكى ئىككى پارتىيەنىڭ ئورتاق مەقسىتى. مەن سىز بىلەن بىللە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى دەۋردە ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو-لائوس تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇشنى خالايمەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ