مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەملىكەت بويىچە نوپۇسى بىر قەدەر ئاز مىللەتلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشىنى نەق مەيدان ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى ئېچىلدى

2019.07.19 16:43 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. 7-ئاينىڭ 18-كۈنى، مەملىكەت بويىچە نوپۇسى بىر قەدەر ئاز مىللەتلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىپ ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشىنى نەق مەيدان ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ خەيدۇڭ شەھىرىدە ئېچىلدى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى باتېر يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى.

  باتېر نوپۇسى بىر قەدەر ئاز مىللەتلەرنىڭ تەرەققىياتىغا يار-يۆلەك بولۇشتا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجە ۋە تەجرىبىلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنۇتماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش»نى تەكىتلەپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇق، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، باتۇرلۇق بىلەن جەڭگە ئاتلىنىپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، «ئىككىدىن غەم قىلماسلىق، ئۈچكە كاپالەتلىك قىلىش»تىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى بىلەن يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ياخشى جىپسىلاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت بۇ يېڭى دەۋردىكى مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ روشەن مەزمۇنىنى زىچ چۆرىدەپ، «14-بەش يىل»لىق مىللەتلەر خىزمىتى مەخسۇس يىرىك پىلانىنى ياخشى تۈزۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، بىر مىللەتمۇ كەم قالماسلىققا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  يىغىننى دۆلەت مىللىي ئىشلار كومىتېتى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، 21 ئالاقىدار مىنىستىرلىق، كومىتېت، 20 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ مىللەتلەر (دىن ئىشلىرى) كومىتېتى (نازارەت، ئىدارە)، دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى ئورگىنىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتناشتى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ