مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«گوۋۇيۈەننىڭ ساغلام جۇڭگو ھەرىكىتىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى پىكرى» بېسىپ تارقىتىلدى

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى تەشكىللەپ يولغا قويۇش ۋە باھالاش لايىھەسىنى بېسىپ تارقاتتى

2019.07.16 16:18 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16 – ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن يېقىندا «گوۋۇيۈەننىڭ ساغلام جۇڭگو ھەرىكىتىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى پىكرى»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقاتتى.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: خەلقنىڭ ساغلاملىقى مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ۋە دۆلەتنىڭ بېيىشى، قۇدرەت تېپىشىنىڭ مۇھىم بەلگىسى، ئالدىنى ئېلىش ئەڭ تېجەشلىك، ئەڭ ئۈنۈملۈك ساغلاملىق تاكتىكىسى. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى ۋە 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلقنىڭ مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋر سەھىيە ۋە ساغلاملىق خىزمىتى فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەت، جەمئىيەت، شەخسنىڭ مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، سەھىيە – ساغلاملىق خىزمىتى ئىدىيەسى، مۇلازىمەت ئۇسۇلىنىڭ كېسەل داۋالاشنى مەركەز قىلىشتىن خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى مەركەز قىلىشقا ئۆزگەرتىشىگە تېز تۈرتكە بولۇپ، ساغلاملىق تەربىيەسى سىستېمىسى بەرپا قىلىپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ساغلاملىق بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ئاممىنى يېتەكلەپ توغرا ساغلاملىق قارىشى تۇرغۇزۇپ، دەسلەپكى ئارىلىشىشنى كۈچەيتىپ، سالامەتلىككە پايدىلىق تۇرمۇش ئۇسۇلى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ۋە ئىجتىمائىي مۇھىت بەرپا قىلىپ، ساغلام ئۆمۈرنى ئۇزارتىپ، خەلقنىڭ ساغلاملىقىغا ھەر تەرەپلىمە، تولۇق دەۋرىيلىك كاپالەتلىك قىلىش، ساغلام جۇڭگو قۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىش كېرەك.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: بىلىملەرنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ساپانى ئۆستۈرۈش، تەلەپچان بولۇپ، ساغلام تۇرمۇش كەچۈرۈش، بالدۇر ئارىلىشىپ، مۇلازىمەتنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئومۇمىي خەلق قاتنىشىپ، ئورتاق قۇرۇپ، ئورتاق بەھرىمەن بولۇش ئاساسىي پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك. 2022 – يىلىغىچە، ساغلاملىققا تۈرتكە بولۇش سىياسىتى سىستېمىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن بەرپا قىلىپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ ساغلاملىق ساپاسى سەۋىيەسىنى مۇقىم ئۆستۈرۈپ، ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تېز ئومۇملاشتۇرۇش كېرەك. 2030 – يىلىغا بارغاندا، ئومۇمىي خەلق ساغلاملىق ساپاسى سەۋىيەسىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈپ، ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئومۇملاشتۇرۇپ، ئاھالىلەرنىڭ ساغلاملىقىغا ئاساسلىق تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللارنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلىپ، ئېغىر، سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەل سەۋەبىدىن بالدۇر ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتىنى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىتىپ، ئوتتۇرىچە ساغلام كۆزلىمە ئۆمۈرنى ئۇزارتىپ، ئاھالىلەرنىڭ ئاساسلىق ساغلاملىق كۆرسەتكۈچى سەۋىيەسىنى يۇقىرى كىرىملىك دۆلەتلەر قاتارىغا كىرگۈزۈپ، ساغلاملىق ئادىللىقىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ