مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

قىسقىغىنە ئۈچ يېرىم يىل ئىچىدە، ئەزالار ئەڭ دەسلەپكى 57دىن كۆپىيىپ، بۈگۈنكى 100گە يەتتى

خەلقئارا جەمئىيەت ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسى ئۈچۈن ئىشىنىش بېلىتى تاشلىدى

2019.07.15 16:26 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7-ئاينىڭ 13-كۈنى، ئىككى كۈن داۋاملاشقان ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسى كېڭىشىنىڭ 4-نۆۋەتلىك يىللىق يىغىنى ليۇكسېمبۇرگدا يېپىلدى. بۇ، ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسىنىڭ تۇنجى قېتىم ئاسىيادىن باشقا رايونلاردا ئۆتكۈزۈلگەن كېڭەش يىللىق يىغىنى بولۇپ، ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسىنىڭ دۇنياۋىلىشىش ئالاھىدىلىكىنى نامايان قىلىپ، ئاسىيا-ياۋروپا ھەمكارلىقى ۋە تۇتىشىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشۇپ، كۆپ تەرەپلىك تەرەققىيات سىستېمىسىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشتى

  «دۇنياۋىي خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشتا چوقۇم ئالاقە ۋە ھەمكارلىققا تايىنىش كېرەك»

  ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسى كېڭىشىنىڭ 4-نۆۋەتلىك يىللىق يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى شۇ جاي ۋاقتى 12-يانۋار چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10 دا ليۇكسېمبۇرگ مۇزىكا زالىدا ئۆتكۈزۈلدى. ليۇكسېمبۇرگ كىنەزى ھېنرى، باش ۋەزىر بېتېر، مالىيە ۋەزىرى پىئېر گرامېنىيە ۋە ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسىنىڭ باشلىقى جىن لىچۈن ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى. جۇڭگو مالىيە مىنىستىرى ليۇ كۈن ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسىنىڭ جۇڭگو تەرەپ كېڭەش ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆمەك باشلاپ، بۇ قېتىمقى كېڭەشنىڭ يىللىق يىغىنىغا قاتناشتى. ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسىنىڭ ھەر قايسى ئەزالىرى ۋە ۋەكىللىرى، شۇنداقلا ئالاقىدار خەلقئارا تەشكىلاتلار، ئىلىم-پەن ئاپپاراتلىرى، خەلق تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بولۇپ جەمئىي 2200دىن ئارتۇق كىشى يىغىنغا قاتناشتى.

  «ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسى ئاسىيادا دۇنياغا كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە ئۆسۈپ يېتىلىشى بارلىق قۇرغۇچى ئەزالارنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە بەدىلىدىن ئايرىلالمايدۇ». جىن لىچۈن تەبرىك سۆزىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ياۋروپادىكى پايچىكلار بۇ يېڭى كۆپ تەرەپلىك تەرەققىيات بانكىسى قۇرۇش ئۈچۈن غايەت زور تۆھپە قوشتى. ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسىنىڭ قۇرغۇچىلىرى ئىچىدە ياۋروپادىن 18 ئەزا بار بولۇپ، سان جەھەتتە ئاسىيادىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. شۇڭا، ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسى روشەن يەر شارىلىشىش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ