مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەركەزنىڭ «ئەسلى مەقسەتنى ئۇنۇتماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى «ئۇقتۇرۇش» بېسىپ تارقاتتى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك

2019.07.15 16:03 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، مەركەزنىڭ «ئەسلى مەقسەتنى ئۇنۇتماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقىتىپ، جايلار، تارماقلار ۋە ئورۇنلاردىن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىي ماھىيىتىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، تەكشۈرۈپ ئانالىز قىلىشنى سېلىشتۇرۇپ ياخشى ئىشلەپ، سىياسىي قۇرۇلۇش، ئىدىيەۋى قۇرۇلۇش، تەشكىلىي قۇرۇلۇش، ئىستىل قۇرۇلۇشى ۋە ئىنتىزام قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردە ساقلانغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۆزدە تۇتۇپ، تۈزىتىش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ھەقىقىي چىڭ تۇتۇشنى تەلەپ قىلدى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى يېڭى دەۋردە مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلارنى چوڭقۇر ئۆگىنىشكە تەشكىللەپ، بىلىش بىلەن قىلىشنى بىرلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بۇ مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىشنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ باش تېما تەربىيەسى خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش ۋە ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 15- قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئۇنى سىستېمىلىق، ئومۇميۈزلۈك ۋە تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىشى كېرەك. مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، ئۆلكە دەرىجىلىك ئورگانلار ۋە مۇئاۋىن ئۆلكە دەرىجىلىك شەھەر ئورگانلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ، دىققەتنى ئورگاننىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى دۇچ كەلگەن تەخىرسىز مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بىر قېتىم مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىشنى قانات يايدۇرۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، پارتىيەگە سادىق بولۇش تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «ئىككىنى قوغداش»تىن ئىبارەت ئەقلىي تونۇش ۋە ھېسسىيات تونۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قەتئىي قوغداش ئىرادىسى ۋە ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىغا ئاڭلىق مۇئامىلە قىلىپ، پەرقنى تېپىپ چىقىپ، مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ ۋە كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاپ، تەكشۈرۈپ تەھلىل قىلىش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك. مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، ئۆلكە دەرىجىلىك ئورگانلار ۋە مۇئاۋىن ئۆلكە دەرىجىلىك شەھەر ئورگانلىرى «ئىككىنى قوغداش» جەھەتتىكى پەرقنى نۇقتىلىق تېپىپ چىقىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەشەببۇسىغا قەتئىي ئاۋاز قوشقان ياكى قوشمىغانلىقى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قارارىنى قەتئىي تۈردە شۇ بويىچە بېجىرگەن ياكى بېجىرمىگەنلىكى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چەكلىگەن قەتئىي توسۇشنى ئىشقا ئاشۇرغان ياكى ئاشۇرمىغانلىقى قاتارلىقلارنى كۆزدەپ تۇتۇش؛ نەزەرىيە ئۆگىنىشنى كۈچەيتىش جەھەتتىكى پەرقنى تېپىپ چىقىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ھەقىقىي ئۆگىنىش، ھەقىقىي چۈشىنىش، ھەقىقىي ئىشىنىش ۋە ھەقىقىي ئىشلىتىش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلغان ياكى قىلمىغانلىقىغا قاراش؛ ئاساسىي قاتلام ئاساسىنى پۇختىلاش جەھەتتىكى پەرقنى تېپىپ چىقىپ، ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ «چىراغ تۈۋى قاراڭغۇ» بولۇش مەسىلىسىنىڭ بار ياكى يوقلۇقىغا قاراش؛ ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش جەھەتتىكى پەرقنى تېپىپ چىقىپ، شەكىلۋازلىق ۋە بيۇروكراتچىلىققا قەتئىي قارشى تۇرغان ياكى تۇمىغانلىقى، قاتتىق بولۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويغان ياكى قويمىغانلىقى، پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلارنى ھەر تەرەپلىمە باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، چىرىكلىشىشكە جۈرئەت قىلالمايدىغان، چىرىكلىشەلمەيدىغان ۋە چىرىكلىشىشنى خالىمايدىغان قىلىشنى بىر گەۋدىلەشكەن ھالدا ئىلگىرى سۈرۈش؛ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەھەتتىكى پەرقنى تېپىپ چىقىپ، مەسئۇلىيەت تۈزۈمىدىن ئىبارەت بۇ «تۇتقا»نى چىڭ تۇتۇپ، مەسئۇلىيەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ۋە ئادا قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ