مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

باش ئەلچىنىڭ مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلاپ قويۇش ۋەقەسى ئەنگلىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتىگە تەسىر كۆرسەتتى

2019.07.11 16:19 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  ئەنگلىيەنىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى كىن داروكنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى قاتتىق تەنقىد قىلغانلىقى توغرىسىدىكى مەخپىي ھۆججەت تاراتقۇلار تەرىپىدىن ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ 7-ئاينىڭ 8-كۈنى ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئامېرىكا ئەمدى داروك بىلەن ئالاقە قىلمايدۇ، دېدى. تىرامپ يەنە ئىجتىمائىي تاراتقۇسىدا ئەنگلىيە باش ۋەزىرى ترېسا ماينىڭ «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش» مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىغا ھۇجۇم قىلدى ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ ناھايىتى تېزلا بىر يېڭى باش ۋەزىرگە ئىگە بولۇشى ئەنگلىيەگە نىسبەتەن «خۇش خەۋەر» دېدى.

  تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: تىرامپ ئالدىنقى ئايدا ئەنگلىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى، ئۇزاق ئۆتمەي ئەنگلىيەنى ئوڭايسىز ئەھۋالدا چۈشۈرۈپ قويغان ، ئامېرىكىنى غەزەپلەندۈرگەن مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلاش ۋەقەسى يۈز بەردى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ قىسقا مۇددەت ئىچىدە بەلگىلىك زەربىگە ئۇچرىشىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ .

  ئەنگلىيە تاراتقۇلىرى 7-ئاينىڭ 7-كۈنى داروك ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىگە ئەۋەتكەن نۇرغۇن ئەسلەتمە ۋە تېلېگراممىلارنى ئېلان قىلدى، داروك بۇ مەخپىي ھۆججەتلەردە تىرامپ ھۆكۈمىتىنى «يۈرۈشۈشى راۋان ئەمەس»، « مۆلچەرلەش تەس»، « ئىقتىدارى يېتەرسىز» دېگەن.

  تىرامپ 7-ئاينىڭ 8-كۈنى ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسى تىۋىتىردا: مەن بۇ باش ئەلچىنى تونۇمايمەن، لېكىن ئۇ ئامېرىكىدا ياخشى باھاغا ئېرىشەلمىدى، بىز ئەمدى ئۇنىڭ بىلەن ئالاقە قىلمايمىز، دېدى. تىرامپ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ترېسا ماينىڭ «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش» سىياسىتىنى تەنقىد قىلىپ، ترېسا ماي مېنىڭ تەكلىپىنى ئاڭلىماي، «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش»نى قالايمىقان قىلىۋەتتى، دېدى. ئۇ ئەنگلىيەگە نىسبەتەن ياخشى خوش خەۋەر شۇكى ئۇلار ناھايىتى تېزلا بىر يېڭى باش ۋەزىرگە ئىگە بولىدۇ، دېدى.

  ئەمما ترېسا ماينىڭ باياناتچىسى: ترېسا ماي داروكقا «تولۇق ئىشىنىدۇ»، ئۇنى قايتۇرۇپ كېلىش پىلانى يوق، دېدى. باياناتچى يەنە ترېسا ماي داروكنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە بولغان قاتتىق تەنقىدىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ، دېدى. ئەنگلىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلاپ قويۇش ۋەقەسىنى رەسمىي تەكشۈرۈشنى باشلىغانلىقىنى جاكارلىدى .

  داروك ئەنگلىيەدىكى ئەڭ تەجرىبىلىك دىپلوماتلارنىڭ بىرى بولۇپ، 2016-يىلى 1-ئايدىن باشلاپ ئەنگلىيەنىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بولغان. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ئۇ ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى ۋە باش ۋەزىرنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى مەسلىھەتچىسى بولغان. تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: بۇ قېتىمقى مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلاپ قويۇش ۋەقەسى ئەنگلىيەنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى كونسىرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى باش ۋەزىر ئورنىنى تالىشىش كۈرىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن، شۇنداقلا «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش» مەسىلىسى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن، چۈنكى داروك «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش» مەسىلىسىگە ئانچە قىزغىن ئەمەس دەپ قارالغان، بۇ قېتىم بۇ مەخپىي ھۆججەتلەرنى ئاشكارىلىغان ئەنگلىيەلىك مۇخبىر «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش»تا چىڭ تۇرغۇچى. گەرچە مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلىغۇچىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى تىرامپ ھۆكۈمىتىگە قارىتىلمىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ۋەقەنىڭ قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئەنگلىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە سەلبىي تەسىر ئېلىپ كېلىشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ . ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ سابىق ئەمەلدارى ئامېرىكا «سىياسىي گېزىتى» تور بېكىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: مەن تىرامپنىڭ تىۋىتىرىدىكى سۆزىنىڭ داروكنى «قارشى ئېلىنمايدىغان ئادەم» دەپ

  بېكىتىلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدىغان-بەرمەيدىغانلىقىنى جەزىملەشتۈرەلمەيمەن. ئاق ساراي بىلەن دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى كېيىنكى قەدەمدە تىرامپنىڭ تىۋىتىرىدىكى سۆزىنى رەسمىي يوليورۇق قىلىش قىلماسلىقنى مۇزاكىرە قىلىدۇ، ھەرقايسى ھۆكۈمەت تارماقلىرىدىن داروك بىلەن قايتا ئۇچراشماسلىقىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەگەر شۇنداق بولسا، ئەنگلىيە داروكنى ۋاشىنگتوندىن يۆتكىۋېتىدۇ .

  بىلىمبۇرگ ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، داروك ئەسلىدە 7-ئاينىڭ 8-كۈنى تىرامپ بىلەن زىيارەتكە كەلگەن قاتار ئەمىرى تامىمنىڭ كەچلىك غىزاسىغا قاتنىشىشىغا تەكلىپ قىلىنغان، ئەمما تىرامنىڭ تىۋىتردا ئېيتقان سۆزى تۈپەيلىدىن، ئامېرىكا داروكقا بولغان تەكلىپنى ئەمەلدىن قالدۇرغان.

  ئامېرىكا «نىيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى» مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: تىرامپنىڭ تىۋىتىرى تىرسسا ماي ھۆكۈمىتى بىلەن «ئەدەپسىز خوشلىشىش» ھەمدە داروكنى «قارشى ئېلىنمايدىغان ئادەم» دەپ جاكارلاپ بولدى، بۇ ئامېرىكىنىڭ ئەڭ يېقىن ئىتتىپاقدىشى ئەنگلىيە بىلەن بولغان روشەن يېرىق، ئامېرىكا-ئەنگلىيە مۇناسىۋىتى يۈزەكى جەھەتتە ئىناق بولغان بىلەن ئەمەلىيەتتە بۇرۇنلا مەسىلە كۆرۈلگەن.

  ئامېرىكا ئاقىللار ئامبىرى برۇككىنس ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى توماس رايت مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: تىرامپ ئەنگلىيەنى بىزار قىلىدىغان نۇرغۇن ئىشلارنى قىلدى، ھازىر ئامېرىكا-ئەنگلىيە مۇناسىۋىتى ئومۇمىي جەھەتتىن ناچارلىشىپ، 1956-يىلدىكى سۇۋەيش قانىلى كىرىزىسىدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈپ قالدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ