مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا ئۇلۇغ ھالقىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى

2018-يىلى ئېلىمىزنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئىجتىمائىي ئومۇمىي كىرىمى 9732 ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى

2019.07.02 16:55 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى بۈگۈن «ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر يۈز بەرگەن 70 يىلدا مىللەت گۈللىنىپ، شانلىق نەتىجىلەر يارىتىلدى ___ يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات نەتىجىلىرى توغرىسىدا يۈرۈشلۈك دوكلات»نى ئېلان قىلدى. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 70 يىل مابەينىدە، ئېلىمىزنىڭ خەلق ئىگىلىكى سىجىل ئېشىپ، ئىقتىسادنىڭ ئومۇمىي مىقدارى ئۇدا يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلگەن. 2018-يىلى ئېلىمىزنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئىجتىمائىي ئومۇمىي كىرىمى 9732 ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، ئوتتۇرا ھال كىرىملىك دۆلەتلەرنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن يۇقىرى بولغان.

  يېڭى جۇڭگو دۇنياغا كەلگەندە، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ئاساسى ئىنتايىن ئاجىز ئىدى. 1952-يىلى ئېلىمىزنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئاران 67 مىليارد 900 مىليون يۈەن بولۇپ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 119 يۈەن بولغان. ئۇزاق مۇددەت تىرىشىش ئارقىلىق، 1978-يىلى ئېلىمىزنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 367 مىليارد 900 مىليون يۈەنگە يېتىپ، دۇنيا ئىقتىسادىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %1.8 بولۇپ، دۇنيا بويىچە 11-ئورۇندا تۇرغان.

  ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئېلىپ بېرىلغاندىن بۇيان، ئېلىمىز ئىقتىسادى تېز تەرەققىي قىلدى، 1986-يىلى ئىقتىسادنىڭ ئومۇمىي مىقدارى 1 تىرىليون يۈەندىن ئاشتى، 2000-يىلى 10 تىرىليون يۈەنلىك چوڭ ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، ئىتالىيەدىن ئېشىپ، دۇنيا بويىچە 6-چوڭ ئىقتىسادى گەۋدىگە ئايلاندى، 2010-يىلى 41 تىرىليون 211 مىليارد 900 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ياپونىيەدىن ئېشىپ كەتتى ھەمدە ئۇدا دۇنيا بويىچە 2-ئورۇندا تۇردى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى سىجىل ئاشتى. يېقىنقى ئۈچ يىلدا، ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى ئۇدا 70 تىرىليون يۈەن، 80 تىرىليون يۈەن ۋە 90 تىرىليون يۈەنلىك چوڭ ئۆتكەلدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، 2018-يىلى 90 تىرىليون 30 مىليارد 900 مىليون يۈەنگە يېتىپ، دۇنيا ئىقتىسادىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %16كە يېقىنلاشتى. ئۆزگەرمەس باھا بويىچە ھېسابلىغاندا، 2018-يىلى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 1952-يىلىدىكىدىن 175 ھەسسە ئېشىپ، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %8.1 ئاشتى؛ بۇنىڭ ئىچىدە 1979-يىلىدىن 2018-يىلىغىچە يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %9.4 ئېشىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ %2.9 ئەتراپىدا ئېشىش سۈرئىتىدىن خېلىلا يۇقىرى بولدى، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى %18 ئەتراپىدا بولۇپ، ئامېرىكىدىن قالسىلا، دۇنيا بويىچە ئىككىنچى ئورۇندا تۇردى. 2018-يىلى ئېلىمىزنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئىجتىمائىي ئومۇمىي كىرىمى 9732 ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، ئوتتۇرا ھال كىرىملىك دۆلەتلەرنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن يۇقىرى بولدى.

  بۇنىڭدىن باشقا، ئېلىمىزنىڭ خەلقئارادىكى ئورنى كۆرۈنەرلىك ئۆستى، تەسىر كۈچى كۈنسېرى كۈچەيدى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئېلىمىز «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، 160 نەچچە دۆلەت (رايون) ۋە خەلقئارا تەشكىلاتنىڭ پائال ئاۋاز قوشۇشىغا ئېرىشتى؛ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشنى تەشەببۇس قىلىپ، WTO ئىسلاھاتى ۋەكىللىكىدىكى خەلقئارا ئىقتىساد-سودا قائىدىسىنى تۈزۈشكە پائال قاتنىشىپ، دۇنيانى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ئىسلاھاتىدا جۇڭگو ئەقىل-پاراسىتىنى تەقدىم قىلىپ، چوڭ دۆلەتلىك مەسئۇلىيىتىنى نامايان قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ