مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىز جۇڭگو-چاۋشيەننىڭ ئورتاق تونۇشىغا ئاساسەن، دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

2019.06.19 16:52 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى لۇ كاڭ 18-چېسلا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىل جۇڭگو-چاۋشيەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، ئىككى تەرەپ ئورتاق تونۇشقا ئاساسەن، دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىدا تۈرلۈك پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو-چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشىدۇ.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى تاشقى ئالاقە بۇسىنىڭ باياناتچىسى خۇ جاۋمىڭ 17-چېسلا بېيجىڭدا مۇنۇلارنى جاكارلىدى: چاۋشيەن ئەمگەك پارتىيەسىنىڭ باشلىقى، چاۋشيەن دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتى دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ باشلىقى كىم جۇڭئېننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 6-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 21-كۈنىگىچە چاۋشيەن خەلق جۇمھۇرىيىتىدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.

  لۇ كاڭ 18-چېسلادىكى قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە مۇنداق دېدى: جۇڭگو-چاۋشيەن يېقىن قوشنا دۆلەتلەر، ئىككى دۆلەت ئۇزاق مۇددەت ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى ساقلاپ كەلدى. ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ قويۇق ئالاقىسى جۇڭگو-چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنىڭ ئەنئەنىسى. بىر يىلدىن بۇيان باش شۇجى شى جىنپىڭ رەئىس كىم جۇڭئېن بىلەن تۆت قېتىم كۆرۈشۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى دەۋرىنى ئاچتى. ئىككى دۆلەتنىڭ تاغ-دەريالىرى تۇتاش بولۇشتەك جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىكى، ياخشى سىياسىي مۇناسىۋىتى، ئەلئارا دوستلۇق ئاساسى ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتە بىر-بىرىنى تولۇقلاشچانلىقى بىلەن جۇڭگو-چاۋشيەن ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقى پۇختا ئاساسقا ۋە پارلاق ئىستىقبالغا ئىگە بولدى، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىشكە ئاكتىپ پوزىتسىيە تۇتتى. ئادىمىيەت ئالاقىسى جۇڭگو-چاۋشيەن مۇناسىۋىتىدىكى مۇھىم ھالقا، ئىككى دۆلەت خەلقى ئوتتۇرىسىدا تەبىئىي چوڭقۇر دوستلۇق ھېسسىياتى بار. بىز چاۋشيەن بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو-چاۋشيەن دوستلۇق ئەنئەنىسىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقىنى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرۇشنى خالايمىز.

  لۇ كاڭ يەنە مۇنداق دېدى: بۇ يىل جۇڭگو-چاۋشيەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، ئىككى دۆلەت تەبرىكلەش، خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈشنى پۈتۈشتى. ئىككى تەرەپ ئورتاق تونۇشقا ئاساسەن، دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى ياخشى ئۆتكۈزۈپ، تارىخنى بىرلىكتە ئەسلەپ، دوستلۇققا ۋارىسلىق قىلىپ، كەلگۈسىنى پىلانلاپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو-چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ