مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«قوش يېڭىلىق يارىتىش»قا باجدا ئېتىبار بېرىش نۇرغۇن ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرگە ئەمەلىي نەپ ئېلىپ كەلدى

2019.06.17 16:17 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  2019-يىللىق باجنى كېمەيتىپ، ھەقنى ئازايتىش سىياسەت تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە ئەگىشىپ، «قوش يېڭىلىق يارىتىش»قا باجدا ئېتىبار بېرىش سىياسەت «سوۋغىسى» بارغانسېرى نۇرغۇن ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرگە ئەمەلىي نەپ ئېلىپ كەلدى. دۆلەتلىك باج ئىشلىرى باش ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدىن ئايان بولۇشىچە، بۇ يىل 1-ئايدىن 4-ئايغىچە تۈرلۈك «قوش يېڭىلىق يارىتىش»نى قوللايدىغان باجدا ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسىدە جەمئىي 390مىليارد يۈەندىن كۆپرەك باج ئازايغان بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %56.8 ئاشقان، ئۇنىڭ ئىچىدە بۇ يىل يېڭىدىن كۆپەيگەن سىياسەتنىڭ تۈرتكىسىدە تەخمىنەن 68 مىليارد يۈەن باج كېمەيگەن.

  ئىگىلىنىشىچە، نۆۋەتتە «قوش يېڭىلىق يارىتىش»نى قوللايدىغان باجدا ئېتىبار بېرىش سىياسىتى كارخانىنىڭ دەسلەپكى قۇرۇلۇش مەزگىلى، ئۆسۈپ-يېتىلىش مەزگىلى ۋە پشىپ-يېتىلىش مەزگىلىدىن ئىبارەت ئۈچ باسقۇچتىكى 80دىن ئارتۇق تۈرنى قاپلاپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى ھەقىقىي قوللىغان. ئۇنىڭ ئىچىدە كېچىك تىپتىكى پايدىسى ئاز كارخانىلارنىڭ تاپاۋەت بېجىنىڭ يېرىمى كېمەيگەندىن كېيىنكى باج ئېلىش دائىرىسى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، يىلىغا باج تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك تاپاۋىتى 300مىڭ يۈەندىن تۆۋەن بولۇشتىن تەدرىجىي ھالدا 3 مىليون يۈەندىن تۆۋەن بولۇشقا كېڭەيگەن، قوشۇلما قىممەت بېجىدا كىچىك كۆلەمدە باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ باجنى كەچۈرۈم قىلىش ئۆلچىمى ئايلىق سېتىش سوممىسى 30مىڭ يۈەندىن 100مىڭ يۈەنگە ئۆسكەن. دۆلەت كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ باجنى كېمەيتىش سالمىقىنى يىلمۇ-يىل ئاشۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ «يىنىك جابدۇنۇپ يولغا چىقىش»غا ئۈنۈملۈك ياردەم بېرىپ، ئىجابى ئىجتىمائىي كۆزلىمىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم رول ئوينىغان.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ