مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

قاناس ئايرودۇرۇمى قايتا ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى

2019.06.13 17:02 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  شىنجاڭدىكى داڭلىق مەنزىرە رايونىغا قوشنا بولغان قاناس ئايرودۇرۇمى 6-ئايىنىڭ 10-كۈنى قايتا ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، ساياھەت يۇقىرى دولقۇنى مەزگىلىدە ھەر كۈنى 10 نۆۋەتچى ئايروپىلان ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانلاندى. شىنجاڭنىڭ پۈتۈن پەسىللىك ساياھەتچىلىكىنىڭ سىجىل تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، بۇ يىلدىن باشلاپ قاناس ئايرودۇرۇمىنى پۈتۈن يىل ئىشقا كىرىشتۈرۈش پىلانلاندى.

  قاناس ئايرودۇرۇمىنىڭ مۇئاۋىن دېرىكتورى لى شىگاڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ياز كىرگەندىن بۇيان، دۆلەتلىك 5A دەرىجىلىك مەزىرە رايونى بولغان قاناس مەزىرە رايونى ساياھەت يۇقىرى دولقىنىنى كۈتىۋالدى، قاناس ئايرودۇرۇمىمۇ يېرىم يىل توختىتىلغاندىن كېيىن رەسىمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن تۇنجى كۈنى نۆۋەتچى ئايروپىلان ئىلگىرىكى 2 قېتىمدىن 5 قېتىمغا كۆپەيتىلدى. بۇ يىل ئۈرۈمچىدىن قاناسقا بارىدىغان لىنىيەدىن باشقا يەنە قاناستىن تۇرپانغا بارىدىغان لىنىيەمۇ ئېچىلىدۇ.

  بۇنىڭدىن باشقا، قاناس ئايرودۇرۇمىدىن قارىماي، بۆرتالا، ئالتاي، كۆكتوقاي ئارىسىدا ئۇچىدىغان تۆۋەن بولشۇق ترانسپورت لىنىيەلىرىمۇ ئېچىلدى، شىمالىي شىنجاڭ رايونىدىكى ئاساسلىق مەنزىرە رايونلىرى ئارىسىدا بىر تېز، قولاي بوشلۇق كارىدور شەكىللەندى.

  قاناس ئايرودۇرۇمى پەسىللىك ئايرودورۇم بولۇش سۈپىتى بىلەن، 2007-يىلى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن بۇيان ھەر يىلى 6-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلەتتى، 10-ئاينىڭ باشلىرىدا تاقىلاتتى. ساياھەت يۇقىرى دولقۇنى مەزگىلىدە، بوشلۇق قاتنىشىنىڭ ئېچىلىشى ساياھەتچىلەرنى مەنزىرە رايونى ئەترراپىغا توشۇيدۇ، ساھەت ۋاقتىنى قىسقارتىدۇ، ساياھەت جەريانىدا چارچاشمۇ ئېغىر بولمايدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ