پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش تاختىسىنىڭ بازىرى 6-ئاينىڭ 13-كۈنى رەسمىي ئېچىلدى. بۇلتۇر 11-ئاينىڭ بېشىدا جاكارلىنىشتىن ئىسلاھات لايىھەسى تەدرىجىي ئايدىڭلاشتۇرۇلۇشقىچە، ئۇنىڭدىن بازار رەسمىي ئېچىلغۇچە، قىسقىغىنا 200 كۈندىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدە جۇڭگونىڭ كاپىتال بازىرى بىر يىپيېڭى بۆلەكنى كۈتۈۋالدى.
جۇڭگو ئاكسىيە نازارەتچىلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى يى خۇيمەن 6-ئاينىڭ 13-كۈنى لۇجيازۈي مۇنبىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش تاختىسىنىڭ بازىرىنى ئېچىش مۇراسىمىدا مۇنداق دېدى: پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئورنىنى مەھكەم ئىگىلەپ، كۈچلۈك ئىسلاھات روھى بىلەن ھالقىلىق تۈزۈم ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇچۇر ئاشكارىلاشنى يادرو قىلغان ئاكسىيە تارقىتىش، رويخەتكە ئېلىش تۈزۈمىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەسىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، ھالقىلىق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا بۆسۈش ھاسىل قىلىنغان، بازارنىڭ ئېتىراپ دەرىجىسى يۇقىرى بولغان پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش كارخانىلىرىنىڭ سەرخىللىشىشى، كۈچىيىشى، تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى تېرىشىپ قوللاش كېرەك.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ