تۇرالغۇ جامائەت فوندىنى تاپشۇرۇش نىسبىتىنى تاپشۇرۇش ئورنى % 5 تىن % 12 گىچە بولغان دائىرىدە ئۆز ئالدىغا بېكىتسە بولىدۇ
مەركەز دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ تۇرالغۇ مەبلىغىنى باشقۇرۇش مەركىزى يېقىندا «قويۇۋېتىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش » ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەركەز دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ تۇرالغۇ جامائەت فوندىنى يىغىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش چىقاردى. ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: تۇرالغۇ جامائەت فوندىنى تاپشۇرۇش نىسبىتىنى باسقۇچلۇق مۇۋاپىق تۆۋەنلىتىش سىياسىتى ئىجرا قىلىنىۋاتقان مەزگىلدە، تاپشۇرۇدىغان ئورۇنلار % 5 تىن % 12 گىچە بولغان دائىرىدە تاپشۇرۇش نىسبىتىنى ئۆز ئالدىغا بېكىتسە بولىدۇ. ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىيىنچىلىقى بار كارخانىلار ئىشچى-خىزمەتچىلەر قۇرۇلتىيى ياكى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى مۇزاكىرە قىلىپ ماقۇللىغاندىن كېيىن، تۇرالغۇ جامائەت فوندىنى تاپشۇرۇش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشنى ياكى كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ .
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ