مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«كۆمۈرنى توكقا ئايلاندۇرۇش» ئەھۋالى رەتكە تۇرغۇزۇلۇپ تەكشۈرۈلدى، 70 مىڭغا يېقىن كەنت ئاھالىسى ئارىلاپ تەكشۈرۈلۈپ، مۇھىت مەسىلىسىدىن 460ى بايقالدى

2019.06.10 16:16 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۈگۈن ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقى تارقاتقان خەۋەردە دېيىلىشىچە، 2019-، 2020-يىللىق كۆك ئاسماننى قوغداش جېڭىنىڭ نۇقتىلىق رايونلىرىنى نازارەت قىلىش داۋاملىق كۈچەيتىلىپ، نۇقتىلىق ياردەم بېرىش داۋاملىق قانات يايدۇرۇلغان، 22-مايدىن 4-ئىيۇنغىچە ھەر قايسى خىزمەت گۇرۇپپىلىرى 35 مىڭ 948 كەنت (مەھەللە)نى تەكشۈرۈپ، 67 مىڭ 405 ئائىلىنى ئارىلاپ تەكشۈرگەن، 9523 كارخانا (نۇقتا)نى تەكشۈرگەن، تەكشۈرۈش ۋەزىپىسىدىن 3239ىنى تاماملاپ، مۇھىت مەسىلىسىدىن 460نى بايقىغان.

  گازغا چېتىشلىق مۇھىت مەسىلىسى بايقالغان رايوندىن قارىغاندا، بېيجىڭ، تيەنجىن، شەندۇڭ، خېنەن قاتارلىق ئۆلكە (شەھەر)لەرنىڭ «كۆمۈرنى توكقا ئايلاندۇرۇش» ۋەزىپىسى بىر قەدەر كۆپ بولغاچقا، گازغا چېتىشلىق مۇھىت مەسىلىسىدىن ئاساسلىقى خېبېيدىكى 321، سەنشىدىكى 90 ئورۇنغا مەركەزلەشكەن.

  بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېي ۋە ئەتراپتىكى رايونلار ۋە فېنۋېي تۈزلەڭلىك رايونى قاتارلىق نۇقتىلىق رايونلاردىكى شەھەرلەرنىڭ «كۆمۈرنى توكقا ئايلاندۇرۇش» خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش، يانداش ئېلېكتىر تورىنى ئۆزگەرتىش، تولۇقلىما بېرىش سىياسىتى، يولغا قويۇش ئۈنۈمى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەھۋاللار ۋە ساقلانغان مەسىلىلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەش ئۈچۈن، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقى بۇ نۆۋەتلىك نازارەت قىلىش، نۇقتىلىق يۆلەشنى كۈچەيتىش خىزمىتىدە «كۆمۈرنى توكقا ئايلاندۇرۇش» بويىچە مەخسۇس تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ماس قەدەمدە قانات يايدۇردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ