خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ناملىق كىتابى 1-تومىنىڭ قىرغىزچە نەشرىنى تۇنجى تارقىتىش مۇراسىمى ۋە جۇڭگو-قىرغىزىستان دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش مۇھاكىمە يىغىنى 6-ئاينىڭ 8-كۈنى بىشكەكتىكى زۇڭتۇڭ سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى جۇڭگو گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى، جۇڭگو چەت ئەل تىلى ئىدارىسى، جۇڭگونىڭ قىرغىزىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان. قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى ژېنبېكوۋ، قىرغىزىستاننىڭ سابىق زۇڭتۇڭى ئوتانبايېۋا، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ شياۋخۇي، جۇڭگونىڭ قىرغىزىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دۇ دېۋېن پائالىيەتكە قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.
ژېنبېكوف تەبرىك سۆزىدە مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ ھازىرقى زامان ۋە كەلگۈسىدىكى ئەڭ تەسىر كۈچى بار سىياسىيونلارنىڭ بىرى، ئۇنىڭ «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» دېگەن ئەسىرى جۇڭگونىڭ ئىلگىرىكى ئۇچقاندەك تەرەققىياتى توغرىسىدىكى يەكۈننى، جۇڭگونىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات يۆنىلىشى ۋە يولى ئۈستىدە ئويلىنىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، يەنە دۇنيا ئورتاق دۇچ كەلگەن ئىقتىساد، بىخەتەرلىك، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا جۇڭگونىڭ ئىدىيەسى ۋە تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ ئەسەرنى ئوقۇش ئارقىلىق، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئىدىيەسى ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ سىياسەت تەشەببۇسىنى، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات لوگىكىسى، تەرەققىيات ئەندىزىسى ۋە تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەنگىلى بولىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: قىرغىزىستان سىياسىي، ئىقتىساد، قانۇن ئىدارە قىلىش ئىسلاھاتى ۋە باشقۇرۇش تۈزۈمىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتىدۇ، بۇ ئەسەر قىرغىزىستان سىياسىيونلىرى، ئەمەلدارلىرى ۋە بارلىق ئوقۇرمەنلەرنىڭ قىممەتلىك بايلىقىغا ئايلىنالايدۇ، تەپەككۇر قىلالايدىغان ھەر بىر كىشى بۇ ئەسەرنى ئوقۇش ئارقىلىق، ئۆزىگە خاس نەتىجىگە ئېرىشەلەيدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ