باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2018-يىللىق دائىمىي نوپۇس سانلىق مەلۇماتى ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلىندى

2019.03.19 15:48         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2018-يىللىق دائىمىي نوپۇس سانلىق مەلۇماتى يېقىندا ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلىندى، سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، گۇاڭدۇڭ، شەندۇڭ ئۆلكىلىرىنىڭ دائىمىي نوپۇسى 100 مىليوندىن ئاشقان، بېيجىڭ بىلەن لياۋنىڭنىڭ مەنپىي ئاشقان.

  3-ئاينىڭ 16-كۈنىگىچە، 24 ئۆلكە رايون «خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئىستاتىستىكا ئاخباراتى»نى ئېلان قىلدى، جايلارنىڭ دائىمىي نوپۇس سانلىق مەلۇماتىمۇ ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلىندى. بۇنىڭ ئىچىدە، گۇاڭدۇڭ بىلەن شەندۇڭنىڭ دائىمىي نوپۇسى 100 مىليوندىن ئاشتى، گۇاڭدۇڭنىڭ 113 مىليونغا يېتىپ بىرىنچى ئورۇندا تۇرۇپ، دائىمىي نوپۇس بويىچە بىرىنچى چوڭ ئۆلكە، كۆچمە نوپۇس بويىچە بىرىنچى چوڭ ئۆلكە ۋە شەھەر-بازارلاشقان نوپۇس بويىچە بىرىنچى ئۆلكىدىن ئىبارەت بىرقانچە بىرىنچىلىكنى ساقلاپ قالدى.

  سانلىق مەلۇماتتا يەنە كۆرسىتىلىشىچە، بېيجىڭ بىلەن لياۋنىڭنىڭ دائىمىي نوپۇسى مەنپىي ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە، بېيجىڭنىڭ ئۇدا ئىككى يىل مەنپىي ئاشقان. نەنكەي داشۆسى نوپۇس ۋە تەرەققىيات تەتقىقاتخانىسىنىڭ پىروفېسسورى يۈەن شىن تەھلىل قىلىپ مۇنداق دەپ قارىدى: بېيجىڭ، شاڭخەي، تيەنجىندەك چوڭ شەھەرلەر ئۇزاقتىن بۇيان نوپۇس ئومۇمىي سانىنى تەڭشەپ تىزگىنلەش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ كەلدى، يېقىنقى ئىككى يىلدا بېيجىڭنىڭ دائىمىي نوپۇسى ئازايدى، يەنە تەدرىجى ئازلايدۇ. لياۋنىڭدا نوپۇسنىڭ ئازىيىشىدىكى سەۋەب، بىر جەھەتتىن، شەرقىي شىمالنىڭ كىلىمات شارائىتى سەۋەبىدىن ئەمگەك يېشىدىن قالغان بەزى كىشىلەر كۆپلەپ جەنۇبقا كۆچۈپ كەتتى، يەنە بىر جەھەتتىن، نۇرغۇن ياشلار ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا ئەگىشىپ باشقا جايلارغا يۆتكىلىپ كەتتى. يەنە بىر مۇھىم سەۋەب، شەرقىي شىمالدىكى ئۈچ ئۆلكىنىڭ تۇغۇت نىسبىتى ناھايىتى تۆۋەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر