باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەۋاتقان جۇڭگو دۇنيانى تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن بەھرىمان قىلماقتا

2019.03.19 15:46         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى ۋە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشنىڭ ئاچقۇچلۇق يىلىدا ئېچىلغان ئىككى يىغىن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى. خەلقئارا جەمئىيەت ئىككى يىغىن ئارقىلىق جۇڭگونى چۈشىنىپ، جۇڭگو ۋەزىيەتنى ئىلمىي پەملەپ، ئەمەلىي تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، قىيىنچىلىق ۋە خىرىسلارنى يېڭىدىغان قەتئىي ئىرادىسى ۋە ئىقتىدارىنى نامايەن قىلدى، دەپ قارىدى. ئىككى يىغىندا جۇڭگونىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئېچىۋېتىشنى يەنىمۇ كېڭەيتىش، تەڭ پايدا ئېلىش ھەمكارلىقىنى قەتئىي ئالغا سىلجىتىشىدىن سىگنال بېرىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتكە جۇڭگونىڭ دۇنيا بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن تەڭ بەھىرلىنىش غايىسى نامايەن قىلىندى.

  مىسىر جۇڭگو سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ باش كاتىپى دىيار ھېلىم مۇنداق دەپ قارىدى: ئىچكى-تاشقى خىرىسلار تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان ۋەزىيەتتە، جۇڭگونىڭ بۇ يىللىق ئىقتىسادىي ئېشىش نىشانى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ غايەت زور يۇشۇرۇن كۈچى بار، يەرشارى ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغىمۇ داۋاملىق تۈرتكە بولىدۇ.

  فىلىپپىن كېسەك ئالتۇن سىياسەت تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ھېلمان لورېل مۇنداق دېدى: ئۆتكەن نەچچە ئون يىلدا جۇڭگو ئىقتىسادى تېز ئېشىپ، دۇنيا تەرەققىياتىغا غايەت زور تۆھپە قوشتى. دۇنيا ئىقتىسادى تۆۋەنلەش بېسىمىغا ئۇچراۋاتقان پەيتتە، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم ئېشىشنى ساقلىشى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەكشى تەرەققىياتىغا پايدىلىق، شۇنداقلا باشقا دۆلەتلەرگىمۇ ئىشەنچ بېغىشلايدۇ.

  خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ باياناتچىسى گېررى رايىس: جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش نىشانىنى تەڭشەش تېز ئېشىشنى ساقلاشتىن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا ئىنتىلىشقا بولغان ئۆزگىرىشنى نامايەن قىلدى، دەپ قارىدى.

  ئامېرىكا جۇڭگو-ئامېرىكا تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى سۇراب گۇپتا مۇنداق دەپ قارىدى: جۇڭگو ھۆكۈمىتى ھەم ھازىرقى خىرىسلارنى كۆزدە تۇتتى، ھەم كەلگۈسى ئەھۋالنى ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن مۆلچەرلىدى، چىقارغان سىياسەت، فاڭجېنلار ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا ياخشى دەۋرىيلىك ھاسىل قىلدى.

  ئىسرائىلىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ دۇنياغا قوشقان تۆھپىسىدىن گۇمانلىنىشقا بولمايدۇ، جۇڭگونىڭ دۇنياغا بازىرىنى يەنىمۇ ئېچىۋېتىشى جۇڭگو بىلەن باشقا دۆلەتلەرنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئىقتىسادىي ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشىغا پايدىلىق، بۇ ئورتاق پايدا ئالغانلىق.

  تۈركىيە ئاسىيا-تىنچ ئوكيان تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى سالجۇق چولاق ئوغلى چەتئەللىك سودىگەرلەر مەبلەغ سېلىش قانۇنىنىڭ ماقۇللانغانلىقىغا بەكرەك دىققەت قىلدى. ئۇ مۇنداق دەپ قارىدى: بۇ ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە، جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىش دەرۋازىسىنىڭ بارغانسېرى كەڭ ئېچىۋېتىلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.

  ئامېرىكا ئىلىنويىس تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى داشۆسى سىتۇرت سودا شۆيۈەنىنىڭ ئىقتىسادشۇناسلىق پىروفېسسورى ھايلى تۈرك مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ تەرەققىيات ئەندىزىسى تەرەققىي قىلىۋاتقان نۇرغۇن دۆلەتلەرگە ئىلھام بولدى. چەتئەللەر سودىگەرلەر مەبلەغ سېلىش قانۇنى تېخىمۇ ئادىل ۋە ئاشكارا مەبلەغ سېلىش مۇھىتى يارىتىپ، جۇڭگو ۋە چەتئەل كارخانىلىرىغا ئورتاق پايدا ئېلىپ كېلىدۇ. جۇڭگونىڭ ھەر تەرەپلىمە ئېچىۋېتىشنى يولغا قويۇشى خەلقئارا ھەمكارلىق، بولۇپمۇ يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىقىغا يېڭى ئىستىقبال ئاتا قىلىدۇ.

  ۋېيتنام ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى جۇڭگو تەتقىقاتخانىسىنىڭ سابىق باشلىقى دۇ جىنسېن جۇڭگونىڭ خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈش قاتارلىق يۈرۈشلۈك تەدبىرلىرىگە يۈكسەك ئاپىرىن ئېيتىپ، جۇڭگو باشقا دۆلەتلەرنى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش نەتىجىلىرىدىن تەڭ بەھرىمان بولۇشقا تەكلىپ قىلىپ، دۇنيانى ئۆز-ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشتەك تەرەققىيات پۇرسىتى بىلەن تەمىن ئەتتى، دەپ قارىدى.

  رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسى دۇنيا ئىقتىسادى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت تەتقىقاتخانىسى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان تەتقىقات مەركىزىنىڭ باش تەتقىقاتچىسى رومانوف مۇنداق دەپ قارىدى: جۇڭگونىڭ نەچچە ئون يىلدىن بۇيانقى ئۇچقاندەك تەرەققىياتى ئاسىيا، ھەتتا دۇنياغا غايەت زور ئۆزگىرىش ئېلىپ كەلدى. جۇڭگو «بىر بەلۋاغ بىر يول»نى تەڭ قۇرۇش ئارقىلىق، ھەمكارلىق شېرىكلىرى بىلەن ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تىرىشىۋاتىدۇ. لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات تەلىپى ئۈزلۈكسىز يۇغۇرۇلۇپ، «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ ھاياتى كۈچىنى ئۇرغۇتماقتا.

  ئامېرىكىدىكى «يەرشارى تاكتىكا ئۇچۇرلىرى» ژۇرنىلى تەھرىراتى ۋاشىنگتون شۆبىسىنىڭ باشلىقى ۋىليام جونسنىڭ قارىشىچە، «بىر بەلۋاغ بىر يول» تەشەببۇسىنىڭ تۈرتكىسىدە، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ نامراتلىق قاتارلىق يەرشارىدىكى ئورتاق خىرىسلارنى يېڭىش ئىشەنچىسى تېخىمۇ ئاشقان.

  قاتار يېرىم ئارال تاراتقۇ گۇرۇھى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى مۇھەممەد مۇنداق دېدى: جۇڭگو باشقا دۆلەتلەر بىلەن ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ كەلدى، «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشى جۇڭگو ۋە لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەرنى ئورتاق تەرەققىياتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، مەنپەئەتتىن تەڭ بەھرىمان بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، رايون، ھەتتا يەرشارى تەرەققىياتىدا تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر