باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تۆت تارماق بىرىنچى تۈركۈمدىكى ئىنقىلاۋىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش، پايدىلىنىش تارماق رايونلىرىنىڭ ئىسىملىكىنى ئېلان قىلدى

2019.03.19 15:44         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقاد بۆلىمى، مالىيە مىنىستىرلىقى، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى، دۆلەتلىك مەدەنيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ئىشخانىسى، گوۋۇيۈەن ئىشخانىسى 2018-يىلى بېسىپ تارقاتقان« ئىنقىلاۋىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش، پايدىلىنىش قۇرۇلۇشىنىڭ 2018-يىلىدىن 2022-يىلىغىچە بولغان پىكىرى»نى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن يېقىندا« ئىنقىلاۋىي مەدەىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش، پايدىلىنىش تارماق رايونلىرىنىڭ ناھىيەلەرگە تارقىلىشىدىكى بىرىنچى تۈركۈم تىزىملىكىنى ئېلان قىلىش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى چىقىرىپ، 15 ئىنقىلاۋىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش پايدىلىنىش تارماق رايونىنى بېكىتتى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ تۈركۈمدە ئېلان قىلىنغان 15 ئىنقىلاۋىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش، پايدىلىنىش تارماق رايونى ــ جىڭگاڭشەن تارماق رايونى، سابىق مەركىزىي سوۋېت رايونى تارماق رايونى، خۇنەن، خۇبېي غەربىي تارماق رايونى، خەيلۇفېڭ تارماق رايونى، خۇبېي، خېنەن، ئەنخۇي تارماق رايونى، چيوڭيا تارماق رايونى، فۇجيەن،جېجياڭ، جياڭشى تارماق رايونى، خۇنەن، خۇبېي جياڭشى تارماق رايونى، خۇنەن جياڭشى تارماق رايونى، زويۇجياڭ تارماق رايونى، سىچۈەن، شەنشى تارماق رايونى، شەنشى، گەنسۇ تارماق رايونى، خۇنەن، خۇبېي، سىچۈەن، گۈيجۇ تارماق رايونى، سەنشى، خېبېي،خېنەن تارماق رايونى ۋە شىمالىي جياڭسۇ تارماق رايونى.

  بىرىنچى تۈركۈمدىكى ئىنقىلاۋىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش، پايدىلىنىش تارماق رايونلىرىنىڭ ناھىيەلەرگە تارقىلىش تىزىملىكى 20 ئۆلكىدىكى 110 شەھەر، 645 ناھىيەگە مۇناسىۋەتلىك، ئالاقىدار تارماقلار مۇۋاپىق پەيتتە باشقا تۈركۈمدىكى ئىنقىلاۋىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش، پايدىلىنىش تارماق رايونلىرىنىڭ ناھىيەلەرگە تارقىلىش تىزىملىكىنى ئېلان قىلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر