- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
مەملىكەت بويىچە «پارنىك ئۆيلىرى» مەسىلىسىنى ئېنىقلاپ تۈزەش كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەشكە ئېرىشتى
2019.03.19 15:48 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
«پارنىك ئۆيلىرى» مەسىلىسىنى مەخسۇس ئېنىقلاپ تۈزەش ھەرىكىتى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، جايلار كۆپ قېتىم چوڭقۇر تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش ئارقىلىق، 3-ئاينىڭ 17-كۈنىگىچە، مەملىكەت بويىچە «پارنىك ئۆيلىرى» مەسىلىسىدىن تەخمىنەن 168 مىڭى بايقالغان، ئىگىلىۋېلىنغان تېرىلغۇ يەر 130 مىڭ موغا يەتكەن. تۈزەش ھەرىكىتى جايلاردا ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، تەكشۈرۈپ بايقالغان مەسىلىلەرنىڭ %80ى تۈزىتىلگەن.
يېزا ئىگىلىكى، يېزا مىنىستىرلىقى، تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقى جايلاردىن تۈزەشنى تېزلىتىپ، تۈزەتكەچ تەكشۈرۈشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلام ۋە چېتىشلىق سوبيېكتلارنىڭ تېرىلغۇ يەر سۈپىتى ئۆلچىمىگە ئاساسەن، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىپ، ئىگىلىۋېلىنغان تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرىشىگە يېتەكچىلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر