باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بۇ يىل ئىسېمال بازىرى مۇقىم بولدى

2019.03.19 15:50         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سودا مىنىستىرلىقى بازار ھەرىكىتى مەھكىمىسىنىڭ مەسئۇلى يېقىندا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 2019 - يىلى ئىستىمال بازىرىنىڭ ئەھۋالى مۇقىم بولۇپ، 1 - پەسىلدە ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ئېشىشى ئۈچۈن ياخشى ئاساس سالدى.

  بۇ مەسئۇل كىشى مۇنداق دېدى : دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا،1-،2-ئايلاردا مەملىكەت بويىچە ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 6 تېرىلىيون 600 مىليارت يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 8.2 ئېشىپ،ئۆتكەن يىلى 12 – ئايدىكى بىلەن تەڭلەشكەن، باھا ئامىلىنى چىقىرۋەتكەندە، ئەمەلىيەتتە% 7.1 ئېشىپ، ئېشىش سۈرىتى ئۆتكەن يىلى 12 - ئايدىكىدىن 0.5 پوئېنت تېزلەشكەن . ئالدىنقى ئايغا سېلىشتۇرغاندا 2 - ئايدا ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 1 - ئايدىكىدىن % 0.81 ئاشقان.

  بۇ مەسئۇل كىشىىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە،1-، 2 - ئايلاردا ئىستېمال بازىرىدا ئاساسلىقى تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىك كۆرۈلگەن: مۇلازىمەت ئىستېمالىدا كۈچىيىش ۋەزىيىتى كۆرۈلگەن . چاغاننىڭ ئالدى كەينىدە ھارپا كېچىسى تامىقى، جەم بولۇش تامىقى، ئۇرۇغ تۇغقان -دوستلار زىياپىتى قاتارلىق ئىستېماللار داۋاملىق جانلانغان؛ 1-،2 - ئايلاردا مەملىكەت بويىچە يېمەك – ئىچمەكتىن قىلىنغان كىرىم 725 مىليارت 100 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن % 9.7 ئاشقان . ئەنئەنىۋى مىللىي ئۆرپ - ئادەت مەدەنىيەت ساياھىتى قاتارلىقلار قىزىق ساياھەت تاللاش نۇقتىسىغا ئايلانغان. دۆلەتلىك ساياھەت تەتقىقات يۇرتىنىڭ مۆلچەرىگە قارىغاندا، چاغان ئالتۇن ھەپتىلىكىدە مەملىكەت بويىچە كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچىلەر 400 مىليون ئادەم ( قېتىم ) غا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 7.6 ئاشقان، ساياھەت كىرىمى 513 مىليارت 900 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 8.3 ئاشقان. ئۇندىن باشقا، مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش ئىستېمالى، ئۇچۇر ئىستېمالىنىڭ ئېشىشى بىرقەدەر تېز بولغان؛چاغان ئالتۇن ھەپتىلىكى مەزگىلىدە، مەملىكەت بويىچە كىنو بېلىتى كىرىمى 5 مىليارت 840 مىليون يۈەنگە يېتىپ، تارىخىي يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلغان ؛ مەملىكەت بويىچە كۆچمە ئالاقە تورى ئېقىم مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 130 ئاشقان .

  ئەمەلىي تاۋارنىڭ توردا سېتىلىشى بىرقەدەر تېز ئاشتى . 1-،2 - ئايلاردا مەملىكەت بويىچە ئەمەلىي تاۋارنىڭ توردا پارچە سېتىلىش سوممىسى1 تىرلىيون90 مىليارت 100 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 19.5 ئاشقان، بۇ ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش سوممىسىدىن 11.3پوئىنىت يۇقىرى .

  مەدەنىيەت ئىشخانا بۇيۇملىرى،ئالاقىلىشىش ئۈسكۈنىلىرى، گىرىم بۇيۇملىرى ۋە ئالتۇن - كۈمۈش ئۈنچە - مەرۋايىت قاتارلىق تاۋارلار ئىستېمالىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى تېز بولدى . 1-،2- ئايلاردا نورمىدىن يۇقىرى ئورۇنلاردىكى ئالاقىلىشىش ئەسۋابلىرى % 8.8، مەدەنىيەت ئىشخانا بۇيۇملىرى% 8.2، پەرداز بۇيۇملىرى% 8.9، ئالتۇن - كۈمۈش ئۈنچە - مەرۋايىتلىرىنىڭ سېتىلىش سوممىسى% 4.4 ئاشتى، ئېشىش سۈرىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم - ئايرىم 12.8، 9.7 ، 7 ۋە 2.1پوئىنىت تىز بولدى .

  ئىستېمال باھاسى سىلىق ئۆستى. 1 - 2 -ئايلاردا ئاھالىلەرنىڭ ئىستىمال باھاسى بۇلتۇرقى شۇ مەزگىلدىكىدىن % 1.6 ئۆسۈپ، ئۆسۈش نىسبىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 0.6 پوئېنت تارايدى . سودا مىنىستىرلىقىنىڭ تەكشۈرىشىگە قارىغاندا، 1-،2-ئايلاردا 36 چوڭ ئوتتۇرا شەھەردىكى يېمەكلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 0.8 تۆۋەنلىگەن، 2 -ئايدا بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %1.8 تۆۋەنلەپ، ئۇدا 8 ئاي بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئۆرلەش ۋەزىيىتى ئاخىرلاشقان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر