باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»نى تارقاتتى

2019.03.18 14:22         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى تۈنۈگۈن بېرىلگەن ھوقۇق بويىچە، زۇڭلى لى كېچياڭ گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنىدا بەرگەن «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»نى تولۇق تېكىستى بىلەن تارقاتتى. 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنىدا ئۈلۈشكۈن ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات ھەققىدىكى قارار ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللىنىپ، بۇ دوكلات تەستىقلاندى. دوكلات جەمئىي ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنىدۇ: بىرىنچىسى، 2018-يىللىق خىزمەتلەرنى ئەسلەپ ئۆتۈش؛ ئىككىنچىسى، 2019-يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى ۋە سىياسەت يۈزلىنىشى؛ ئۈچىنچىسى، ھۆكۈمەتنىڭ 2019-يىللىق خىزمەت ۋەزىپىسى. دوكلاتتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: بۇ يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئاساسلىق كۆزلىمە نىشانى-ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى %6 تىن %6.5 كىچە ئاشۇرۇش؛ شەھەر-بازارلاردا يېڭىدىن 11 مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، شەھەر-بازارلاردىكى تەكشۈرۈلگەن ئىشسىزلىق نىسبىتىنى %5.5 ئەتراپىدا، شەھەر-بازارلاردا تىزىملانغان ئىشسىزلىق نىسبىتىنى %4.5 ئىچىدە تىزگىنلەش؛ ئاھالىلەر ئىستېمال باھاسىنىڭ ئۆرلەش كۆلىمى %3 ئۆپچۆرىسىدە بولۇش؛ خەلقئارا كىرىم-چىقىمنى ئاساسىي جەھەتتىن تەڭپۇڭلاشتۇرۇش، ئىمپورت-ئېكسپورتنىڭ سۈپىتىنى مۇقىملىق ئاساسىدا ئۆستۈرۈش؛ ماكرو پىشاڭ نىسبىتىنى ئاساسىي جەھەتتىن تۇراقلاشتۇرۇش، پۇل مۇئامىلە، مالىيە خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش؛ يېزىلاردىكى نامرات نوپۇسنى ئون مىليوندىن كۆپرەك ئازايتىش، ئاھالىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاساسەن ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى بىلەن ماس قەدەمدە ئاشۇرۇپ بېرىش؛ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى يەنىمۇ ياخشىلاپ، بىرلىك ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى %3 ئەتراپىدا تۆۋەنلىتىش، ئاساسلىق بۇلغىما چىقىرىش مىقدارىنى داۋاملىق تۆۋەنلىتىشتىن ئىبارەت.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر