باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ۋاڭ مېڭخۇي «ئۆي دېگەن تۇرىدىغان جاي، پۇل تاپىدىغان ۋاسىتە ئەمەس» دەيدىغان ئېنىقلىمىدا چىڭ تۇرىمىز، دېدى

2019.03.13 16:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ۋاڭ مېڭخۇي 12-چېسلا خەلق سارىيىدا «مىنىستىرلار يولى»دا مۇنداق دېدى: بۇلتۇردىن بۇيان، ئۆي-زېمىن بازىرى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم ئايلىنىشىنى ئاساسەن ساقلاپ كەلدى. 2019-يىلى ئۆي-زېمىن بازىرىنى مۇقىم، ساغلام تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمى خىزمەت لايىھەسىنى پۇختا يولغا قويۇپ، «ئۆي دېگەن تۇرىدىغان جاي، پۇل تاپىدىغان ۋاسىتە ئەمەس» دەيدىغان ئېنىقلىمىدا چىڭ تۇرىمىز.

  ۋاڭ مېڭخۇي مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە مۇنداق دېدى: بۇلتۇردىن بۇيان، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تىرىشىشى نەتىجىسىدە، ئۆي-زېمىن بازىرى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم ئايلىنىش ھالىتىنى ساقلىدى، بازار كۆزلىمىسىدە پائال ئۆزگىرىشلەر يۈز بەردى، بۇ ئاساسلىقى ئۈچ جەھەتتىن ئىپادىلىنىدۇ: تۇرالغۇ ئۆينىڭ پۈتۈشۈش كۆلىمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئاستىلىدى، تۇرالغۇ پۈتۈشۈش باھاسى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى، بازارنىڭ كۈتۈش مۆلچەرىدە تەدرىجىي ئەقلىي جەھەتكە ئېغىش بولدى.

  ۋاڭ مېڭخۇي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 2019-يىلى ئۆي-زېمىن بازىرىنى مۇقىم، ساغلام تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمى خىزمەت لايىھەسىنى پۇختا يولغا قويۇشتا، كونكرېت مۇنداق بەش ئىشتا چىڭ تۇرۇلىدۇ:

  بىرىنچى، تۇرالغۇ ئۆينىڭ «بىر ئورۇن بەلگىلىشى»دە چىڭ تۇرۇش، يەنى ئۆي تۇرۇدىغان جاي، پۇل تېپىشنىڭ ۋاسىتىسى ئەمەس.

  ئىككىنچى، «ئىككى سىستېما»نى مۇكەممەللەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش، يەنى تۇرالغۇ ئۆي بازىرى سىستېمىسى ۋە تۇرالغۇ كاپالىتى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش.

  ئۈچىنچى، شەھەر سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، شەھەرگە قاراپ تەدبىر بەلگىلەپ، تۈرلەر بويىچە يېتەكلەپ، بازارنىڭ ئۆلچەپ تەكشۈرۈپ سىگنال بېرىش ۋە تەكشۈرۈپ باھالاش مېخانىزمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈش، بولۇپمۇ يەر باھاسىنى تۇراقلاشتۇرۇش، ئۆي باھاسىنى تۇراقلاشتۇرۇش، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش مەسئۇلىيىتى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ.

  تۆتىنچىدىن، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، ئۇسۇلنى ئۆزگەرتىشتە چىڭ تۇرۇش، بولۇپمۇ تۇرالغۇ ئىجارە بازىرىنى زور كۈچ بىلەن يېتىلدۈرۈپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېڭى شەھەر ئاھالىسىنىڭ تۇرالغۇ مەسىلىسىنى ھەل قىلىش مۇھىم نۇقتا قىلىنىدۇ.

  بەشىنچىدىن، سىياسەتنىڭ ئىزچىللىقى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاپ، چوڭ داۋالغۇش بولۇشتىن ساقلىنىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر