- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
2018- يىلى ئاممىۋى تەنتەربىيە مەيدان-سارايلىرى جەمئىيەتكە ئېچىۋېتىلىدىغان بولدى
بۇنىڭ ئۈچۈن مەركەز مالىيەسى 930 مىليون يۈەن ياردەم مەبلىغى ئاجراتتى
2018.05.03 14:38 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، مەركەز مالىيەسى 2018- يىلى ئاممىۋى تەنتەربىيە مەيدان- سارايلىرىنى جەمئىيەتكە ھەقسىز ياكى ئاز ھەق ئېلىپ ئېچىۋېتىش ئۈچۈن تولۇقلىما ياردەم مەبلىغى ئاجراتقان بولۇپ، ئاجراتقان ئۇ مەبلەغنىڭ ئومۇمىي سوممىسى 930 مىليون يۈەنگە يەتكەن.
چوڭ تىپتىكى تەنتەربىيە مەيدان-سارايلىرىنىڭ تىجارەت قىلىش ۋە باشقۇرۇشىدا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، ئۇ مەيدان-سارايلارنى پائال تۈردە جەمئىيەتكە ھەقسىز ياكى ئاز ھەق ئېلىپ ئېچىۋېتىشتەك يېڭىلىق يارىتىش تەدبىرىنى قوللاش ۋە ئىلھاملاندۇرۇش ئۈچۈن، تولۇقلىما ياردەم مەبلىغى ئاجرىتىلدى. مەزكۇر مەبلەغ بىر تۇتاش پىلانلاپ باشقۇرۇلۇپ، چوڭ تىپتىكى تەنتەربىيە مەيدان-سارايلىرىنى جەمئىيەتكە ھەقسىز ياكى تۆۋەن ھەق ئېلىپ ئېېچىۋېتىشتەك ئاساسىي ئاممىۋى تەنتەربىيە مۇلازىمەت تۈرلىرىنى قانات يايدۇرۇشقا كېتىدىغان چىقىمغا ئىشلىتىلىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر