باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: ھاۋانىڭ بۇلغىنىشى دۇنيا بويىچە ھەر يىلى يەتتە مىليون ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتىدۇ

2018.05.03 14:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 2- چېسلا مۇنداق دېدى: گەرچە نۇرغۇن دۆلەتلەر ھەرىكەت قوللىنىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن، دۇنيادىكى ھەر ئون ئادەمنىڭ توققۇزى يەنىلا بۇلغىنىش قويۇقلۇق دەرىجىسى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان ھاۋادا نەپەسلەنمەكتە. مۆلچەرلىنىشىچە، ھەر يىلى ھاۋانىڭ بۇلغىنىشى سەۋەبىدىن كېسەل بولۇپ ئۆلگەن ئادەمنىڭ سانى يەتتە مىليونغا يېتىدىكەن.

  دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ئېيتىشىچە، ھاۋانى بۇلغىغۇچى ماددىلارنىڭ تەركىبىدە ئۆپكە ۋە يۈرەك قان تومۇرى سىستېمىسىغا سىڭىپ كىرەلەيدىغان ئۇششاق دانىچىلەر بولغانلىق سەۋەبىدىن، ئۇنداق ماددىلار سەكتە، يۈرەك كېسىلى، ئۆپكە راكى، سوزۇلما توسۇلۇشچان ئۆپكە كېسىلى ۋە ئۆپكە ياللۇغىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان نەپەس يولى يۇقۇملىنىش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. ئەڭ يېڭى مۆلچەرگە قارىغاندا، دۇنيا بويىچە ھەر يىلى تەخمىنەن يەتتە مىليون ئادەم شۇ سەۋەبلەردىن ئۆلۈپ كېتىدىكەن.

  سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە: ھاۋانىڭ بۇلغىنىشى بىلەن ئۆلگەنلەرنىڭ %90ىدىن كۆپرەكى ئوتتۇرا ۋە تۆۋەن كىرىملىك دۆلەتلەردە ياشىغان كىشىلەر بولۇپ، ئۇنداق دۆلەتلەر ئاساسلىقى ئاسىيا ۋە ئافرىقىغا جايلاشقان دۆلەتلەر ئىكەن. شەرقىي ئوتتۇرا دېڭىز رايونىدا ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادا ھاۋانىڭ بۇلغىنىشى ئەڭ ئېغىر بولۇپ، بۇلغىنىشنى كۆرسەتكۈچتىن مەلۇم بولغان يىللىق ئوتتۇرىچە سەۋىيە كۆپ ھاللاردا دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن چەكتىكى سەۋىيەنىڭ بەش ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىكەن. ئۇنىڭدىن قالسا، ئافرىقىدىكى دۆلەتلەردە ۋە غەربىي تېنچ ئوكياندىكى ئوتتۇرا ۋە تۆۋەن كىرىملىك شەھەرلەردە ئىكەن. ئومۇمەن ئېيتقاندا، يۇقىرى كىرىملىك دۆلەتلەردە، بولۇپمۇ ياۋروپا ۋە ئامېرىكا قىتئەسىدىكى دۆلەتلەردە، ھەمدە غەربىي تىنچ ئوكياندىكى يۇقىرى كىرىملىك رايونلاردا ھاۋانىڭ بۇلغىنىش سەۋىيەسى ئەڭ تۆۋەن ئىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر