باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئۇنىڭ نامى ۋە ئىشلىرى دۇنيادا مەڭگۈ ساقلىنىدۇ

ـــــ ماركس تۇغۇلغانلىقىنىڭ 200 يىللىقى ھارپىسىدا

2018.05.02 16:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  1818-يىلى 5-ئايدا، ماركس گېرمانىيەنىڭ كىچىك شەھىرى تېرىردا دۇنياغا كەلدى. بىر ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ئۇنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان ئىدىيە قاراڭغۇدا تەمتىرەپ يۈرگەن دۇنيا تارىخىنى يورۇتۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ ئۆزىنى ئازاد قىلىش يولىدىكى كۈرىشىنىڭ ئۆچمەس مېلودىيەسىنى ياڭراتتى. موسېل دەرياسى بويىدىكى ئىددىيەنىڭ ئۇرۇقى خۇددى ئاتومنىڭ پارچىلىنىشى كەبى غايەت زور ئېنېرگىيە قويۇپ بېرىپ، تارىخنىڭ تۇمانلىرىنى كېسىپ ئۆتۈپ، زېمىندا قىزىل بوران-چاپقۇن قوزغاپ، ھەقىقەتكە تۇتىشىدىغان يولدا يېڭى شانلىق داستاننى يازدى. بۈگۈن، جۇڭگو ناملىق پاراخوتنىڭ رولچىسى بۇ مۇتەپەككۇرغا ھۆرمەت بىلدۈرۈپ: «دەۋرنىڭ قانداق ئۆزگىرىشىدىن، ئىلىم-پەننىڭ قانداق تەرەققىي قىلىشىدىن قەتئىينەزەر، ماركسىزم يەنىلا ئىلمىي ئىدىيەنىڭ ئۇلۇغ كۈچىنى نامايان قىلىپ، يەنىلا ھەقىقەت ۋە ئادالەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىنى ئىگىلەپ تۇرماقتا»، دېدى.

  «قىلغانلىرىمىزنىڭ ھەممىسى خەلققە بەخت يارىتىش، مىللىي گۈللىنىشنى ئىشقا ئىشقا ئاشۇرۇش، دۇنيانىڭ ئىشلىرىنى ئويلاش ئۈچۈندۇر.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزلىرى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئېتىقاد ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلغان ئۇلۇغ مۇساپىسىنى كۆرسىتىپ بەردى. بىز ماركسقا قايتىپ، كوممۇنىستلارنىڭ غايە يولىنىڭ ئەسلىي نۇقتىسىغا قايتىپ، بىر دۆلەتنىڭ قەد كۆتۈرۈشى ۋە ئىلگىرىلىشى، پارتىيەنىڭ شەرەپ ۋە ئارزۇسىنى چۈشىنەيلى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر