- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونىدا ئىككى نەپەر كادىر ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغانلىقتىن تەكشۈرۈلدى
2018.05.03 14:40 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى رېۋىزىيە كومىتېتى تور پونكىتىدە يېقىندا ئىككى نەپەر كادىرنىڭ ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقى تۈپەيلىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر ئېلان قىلىندى. كونكرېت مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە :
نىڭشيا قاتناش-ترانسپورت نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن كۆزەتكۈچىسى جاڭ شىڭگو ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقتىن، ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە رېۋىزىيە تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلدى.
نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن كۈزەتكۈچىسى جاڭ شىڭگو ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقتىن، نۆۋەتتە ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە رېۋىزىيە تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىۋاتىدۇ.
نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى جياۋ ليەنشىن ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقتىن، ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە رېۋىزىيە تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلدى.
نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، نىڭشيا مەدەنىيەت كەسپىنىڭ مەبلەغ سېلىش ۋە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى جياۋ ليەنشىن ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقتىن، نۆۋەتتە ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە رېۋىزىيە تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىۋاتىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر