باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

ئاسىيا ۋە دۇنيانىڭ گۈزەل سەھىپىسىنى ئورتاق پۈتەيلى

_ بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ 2018-يىللىق يىللىق يىغىنى ئېچىلغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن

2018.04.09 17:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  4-ئايدا، بوئاۋدا گۈل-گىياھلار ياشىرىپ، باھار دولقۇنى مەۋج ئۇردى. باھار يامغۇرى بىپايان كۆك ئاسماننى يۇيۇپ تېخىمۇ سۈزۈلدۈرىۋەتكەنىدى. بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ 2018-يىللىق يىللىق يىغىنى 8-ئاپرېل ئېچىلىپ، دۇنيا يەنە بىر قېتىم «بوئاۋ ۋاقتى»غا كىردى. 2000 دىن ئارتۇق تاماشىبىن، 2000 غا يېقىن مۇخبىر، 60 نەچچە مەيدان رەسمىي مۇھاكىمە......كۆزقاراش توپلاندى، ئەقىل-پاراسەت جۇلالاندى، ئورتاق تونۇش مۇجەسسەملەندى.

  بەش يىل ئىلگىرى، جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ يىللىق يىغىنىدا ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلەپ، «تەقدىرداش ئورتاق گەۋدە» ئىدىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى ھېلىمۇ كىشىلەرنىڭ ئېسىدە. ئالتۇن نۇر قارا تۇماننى يېرىپ ئۆتكىنىدەك، يەرشارىلىشىش مەسىلىسىنىڭ جۇڭگو جاۋابى دۇنياغا سۇنۇلدى. ئۈچ يىل بۇرۇن، رەئىس شى جىنپىڭ بوئاۋدا «ئاسىيا تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسى» گە ئاتلىنىش ئارقىلىق، «ئىنسانىيەت تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسى» بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھوزۇر-ھالاۋەتتە بىرگە بولۇشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، دۇنيانىڭ بۈيۈك بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ پارلاق ئىستىقبالىنى تەسۋىرلىدى. بۇ يىل، رەئىس شى جىنپىڭ يەنە تەكلىپكە بىنائەن بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرى يىللىق يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىپ، مۇھىم ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلەيدۇ ھەم جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋىتىشتە قولغا كەلتۈرگەن ئۇلۇغ نەتىجىلىرى، مۇھىم تەجرىبىلىرى ۋە ئىلھامىنىڭ دۇنياۋى ئەھمىيىتى ۋە تەسىرىنى، شۇنىڭدەك يېڭى تارىخىي دەۋردە، جۇڭگونىڭ قانداق قىلىپ ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا قايتا ئتلىنىدىغانلىقىنى ئەتراپلىق شەرھىلەپ، بىر قاتار يېڭى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش مۇھىم تەدبىرلىرىنى جاكارلايدۇ.

  يىغىن مەيدانىنىڭ ئىچى-سىرتىدا، ھەممىنىڭ دىققىتى بوئاۋغا مەزكەزلەشتى. كىشىلەر چوڭ دۆلەت رەھبىرىنىڭ جۇڭگو ساداسىنى ياڭرىتىپ، ئاسىيا ۋە دۇنيانىڭ كەلگۈسىنى جۇڭگو ئەقىل-پاراسىتى بىلەن تەمىنلەپ، جۇڭگو لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتمەكتە.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر