باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بەش يىلدا 25 يېڭى قانۇن چىقىرىشنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان قانۇن چىقىرىش پاراسىتى

2018.03.02 16:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2017-يىلى 12-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە 25 يېڭى قانۇن چىقىرىلىپ، 127 قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ، قانۇن مەسىلىلىرى ۋە زور مەسىلىلەر توغرىسىدىكى 44 قارار ماقۇللىنىپ، توققۇز قانۇنغا چۈشەنچە بېرىلدى... بۇ 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ بەش يىلدىن بۇيانقى قانۇن چىقىرىش نەتىجىسى.ئادەتتىكى پاراسەتلىكلەر ئىشنى باشقۇرىدۇ، ئاجايىپ پاراسەتلىكلەر قانۇن چىقىرىدۇ. مۇكەممەل بولغان قانۇن سىستېمىسى بىر زامانىۋى دۆلەتنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشدىكى ئۇل تېشى. بەش يىلدىن بۇيان، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇننى ئىلمىي چىقىرىش، دېموكراتىك يول بىلەن چىقىرىش، قانۇن بويىچە قانۇن چىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن سىستېمىسىنى تەدرىجىي مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇنچىلىق جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى.

  2014-يىلى 24-ئاپرېل، 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 8-قېتىملىق يىغىنىدا تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى مۇھىت ئاسراش قانۇنى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى. بۇ «تارىخ بويىچە ئەڭ قاتتىق» مۇھىت ئاسراش قانۇنى دەپ ئاتىلىپ، جۇڭگونىڭ بۇلغىمىلارنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشىنىڭ يېڭى دەۋرىنى ئاچتى.

  بەش يىلدىن بۇيان، 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مۇھىت ئاسراش ساھەسىگە ئالاقىدار 20گە يېقىن قانۇن تەكلىپ لايىھەسى تۈزۈپ ۋە تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، مۇھىت قانۇنىنى ئىجرا قىلىش ئۈنۈمىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈردى. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 2017-يىلى مەملىكەت بويىچە مۇھىت قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغان مەمۇرىي جازا دېلوسىدىن 233 مىڭى بېجىرىلىپ، 11 مىليارد 580 مىليون يۈەن جەرىمانە قويۇلۇپ ۋە مۇسادىرە قىلىنىپ، مۇھىت ئاسراش قانۇنى يولغا قويۇلۇشتىن ئىلگىرىكى 2014-يىلىدىكىدىن %265 ئاشقان. مۇھىت ئاسراش قانۇنچىلىق سىستېمىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىشىگە ئەگىشىپ، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان مۇھىت مەسىلىلىرى تەدرىجىي ھەل قىلىنىپ، مۇھىت سۈپىتى ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشىلانغان.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر