باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يۈ جېڭشېڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ج ك پ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ يىغىنى ئېچىلدى

2018.03.02 16:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى 1-مارت چۈشتىن كېيىن بېيجىڭدا يىغىن ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ج ك پ 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ۋە ئومۇمىي يىغىن روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى ۋە ئىزچىللاشتۇردى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى، پارتگۇرۇپپا شۇجىسى يۈ جېڭشېڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ۋە سۆز قىلدى.

  ج ك پ 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنىدا پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى قارار ۋە لايىھە قاراپ چېقىلىپ ماقۇللاندى، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنىغا كۆرسىتىلمەكچى بولغان دۆلەت ئاپپاراتلىرى رەھبەرلىرى نامزاتلىرىنىڭ تەكلىپ ئىسىملىكى ۋە سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنىغا كۆرسىتىلمەكچى بولغان مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش رەھبەرلىرى نامزاتلىرىنىڭ تەكلىپ ئىسىملىكى قاراپ چېقىلىپ ماقۇللاندى. يىغىندا مۇنداق قارالدى: بۇلارنىڭ ھەممىسى پارتىيە ۋە دۆلەت تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم مەسىلىلەر. بولۇپمۇ پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىيات ئومۇمىيىتىدە تۇرۇپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە ماسلىشىش ئۈچۈن چىقارغان مۇھىم تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىسى، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كۆزلەنگەن مۇھىم تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشى، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بىر مەيدان چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولۇپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى ۋە رەھبەرلىك سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى قوزغاپ، دۆلەت ۋە جەمئىيەتنى ئۈنۈملۈك ئىدارە قىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر