باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2-ئايلىق كادىرلار ئىشلىرى: 12 ئۆلكىدە ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىنىڭ خىزمەت تەقسىماتى تەڭشەلدى، 32 ۋىلايەت، شەھەر يېڭى «1-قول مەسئۇل»ىنى كۈتۈۋالدى

2018.03.02 15:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2-ئايدا تيەنجىن، لياۋنىڭ، جېجياڭ، ئەنخۇي، فۇجيەن، جياڭشى، خۇبېي، خۇنەن، خەينەن، گۇاڭشى، يۈننەن، نىڭشيا قاتارلىق 12 ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى رەھبەرلىرىنىڭ ئەڭ يېڭى خىزمەت تەقسىماتى ئېلان قىلىندى، جايلاردىكى يېڭىدىن ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن ئۆلكە دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مۇئاۋىن رەھبەرلىرىنىڭ خىزمەت تەقسىماتى بېكىتىلدى.

  ۋىلايەت، شەھەرلەر جەھەتتە، جايلاردىكى پارتىيە-ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرىنى تەڭشەش دولقۇنى 2-ئايدا قوزغىلىپ، 32 ۋىلايەت، شەھەر يېڭىدىن تەيىنلەنگەن «1-قول مەسئۇل»نى كۈتۈۋالدى. بۇنىڭ ئىچىدە جېجياڭ ئۆلكىسىدە تەڭشەش ئەڭ كۆپ بولۇپ، 11 ۋىلايەت، شەھەردىن سەككىز جايدىكى پارتىيە-ھۆكۈمەتنىڭ «1-قول مەسئۇلى» ئۆزگەرتىلدى، يېڭىدىن تەيىنلەنگەن «1-قول مەسئۇل»لارنىڭ ھەممىسى جېجياڭ ئۆلكىسىدىكى يەرلىك كادىرلار.

  ئۇقۇشۇمچە، ۋىلايەت، شەھەرلەردىكى 2-ئايدا يېڭىدىن ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن پارتىيە-ھۆكۈمەتتنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى ئىچىدە، خەينەن ئۆلكىسى خەيكۇ شەھىرىنىڭ باشلىقى دىڭ خۇي، سەنيا شەھىرىنىڭ باشلىقى ئا دۇڭ، جېجاڭ ئۆلكىسى چۇجۇ شەھىرىنىڭ مۇۋەققەت باشلىقى تاڭ فېيفەن، جۇشەن شەھىرىنىڭ مۇۋەققەت باشلىقى خې جۇڭۋېي، تەيجۇ شەھىرىنىڭ مۇۋەققەت باشلىقى جاڭ شياۋچياڭ قاتارلىق بەشەيلەن 1970-يىلدىن كېيىن تۇغۇلغان كادىرلار ئىكەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر