باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو-رۇسىيە دوستلۇقىنى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملاشتۇرايلى

__ رۇسىيە زۇڭلىسى مېدۋېدېۋنىڭ «خەلق تورى»غا كېلىپ بولۇپ جۇڭگولۇق تورداشلار بىلەن توردا پىكىر ئالماشتۇرغانلىقى توغرىسىدا

2017.11.01 15:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇسىيە زۇڭلىسى مېدۋېدېۋ 10-ئاينىڭ 31-كۈنى چۈشتىن كېيىن «خەلق گېزىتى»گە كېلىپ، «خەلق تورى» ئارقىلىق جۇڭگولۇق تورداشلار بىلەن توردا پىكىر ئالماشتۇردى، ئۇنىڭ «ياخشىمۇسىلەر!» دەپ خەنزۇ تىلىدا بەرگەن سالىمى دەرھال جۇڭگو خەلقى بىلەن بولغان ئارىلىقنى يېقىنلاشتۇردى. بۇ قېتىملىق پىكىر ئالماشتۇرۇشقا جۇڭگو-رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەۋلادمۇ ئەۋلاد دوستانە ئۆتۈش ئاساسىنى پۇختىلاشتەك ئالاھىدە بۇرۇچ يۈكلەندى.

  «خەلق تورى»نىڭ ئاڭلىتىش زالى ئىچىگە جۇڭگو-رۇسىيە ئىككى دۆلەتنىڭ بايرىقى، باش شۇجى شى جىنپىڭ قاتارلىق جۇڭگو رەھبەرلىرىنىڭ زۇڭلى مېدۋېدېۋ بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشكەندىكى سۈرەتلىرى ئېسىلىپ، يىراقتىكى مېھمان ئۆيىگە كېلىپ قالغاندەك ھېسسىيات بەردى. زۇڭلى مېدۋېدېۋ «خەلق گېزىتى» گېزىتخانىسىنىڭ باشلىقى ياڭ جېنۋۇ، مۇئاۋىن باش مۇھەررىر، قوشۇمچە خەلق تورىنىڭ لىدىرى ۋاڭ يىبياۋنىڭ ھەمراھلىقى، نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىش ساداسى ئىچىدە ئاڭلىتىش زالىغا كىردى.

  پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدىن كېيىن تۇنجى بولۇپ جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەن چەت ئەل ھۆكۈمىتىنىڭ باشلىقى بولۇش سۈپىتى بىلەن مېدۋېدېۋ ئالدى بىلەن جۇڭگولۇق تورداشلارنىڭ 19-قۇرۇلتايغا مۇناسىۋەتلىك سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 19-قۇرۇلتىيى ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە قۇرۇلتاي، ئۇ جۇڭگونىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات خەرىتىسىنى بەلگىلەيدىغان مۇھىم يىغىن، رۇسىيە قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلىش جەريانى ۋە ئۇنىڭ نەتىجىلىرىگە يېقىندىن دىققەت قىلدى. پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدا ماقۇللانغان بىر قاتار قارارلار مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە، جۇڭگولۇق دوستلارنىڭ بۇ قارارلارنى ئوڭۇشلۇق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نەتىجىگە ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن!

  رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن ۋە رۇسىيە زۇڭلىسى مېدۋېدېۋ بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى ئايرىم-ئايرىم تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، شى جىنپىڭنىڭ ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىلىقىغا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلەپ، جۇڭگو-رۇسىيە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى يېڭى دەۋردە داۋاملىق تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ پەردىسىنى ئاچتى. زۇڭتۇڭ پۇتىن 10-ئاينىڭ 26-كۈنى رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن تېلېفونلاشقاندا جۇڭگو-رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ھازىرقى دۇنيادا چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ئىناق بىللە ئۆتۈشىدىكى نەمۇنە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. زۇڭلى مېدۋېدېۋنىڭ 19-قۇرۇلتاي يېپىلىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا جۇڭگوغا زىيارەتكە كېلىشى جۇڭگو-رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەسى ۋە ئالاھىدىلىكىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر